چاۋۇشئوغلۇ ۋاشىنگتوندا پومپېئو بىلەن كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو بىلەن 4 – ئىيۇندا ۋاشىنگتوندا كۆرۈشىدۇ.

972419
چاۋۇشئوغلۇ ۋاشىنگتوندا پومپېئو بىلەن كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇنىڭدىن بۇرۇن ئىككى مىنىستىرنىڭ ماي ئېيى ئىچىدە ئۇچرىشىشى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىنغان بولسىمۇ، ۋاقىت جەدۋىلى ئۆزئارا ماس كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، تەرەپلەرنىڭ ئۇچرىشىش ۋاقتى 4 – ئىيۇنغا كېچىكتۈرۈلدى.

مايك پومپېئو بىلەن مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئۇچرىشىشىدا، سۈرىيەنى چۆرىدىگەن ھالدا ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۆزگىرىشلەر، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، پ ك ك  تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىغا قارشى كۈرەش دېگەندەك مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە.

چاۋۇشئوغلۇ، پومپېئو بىلەن 27 – ئاپرېلدا بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ئەسناسىدا كۆرۈشكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر