ئەردوغان: ئىسىرائىلىيەنىڭ قىلمىشى ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر، بۇنىڭغا قاراپ تۇرغانلارنى لەنەتلەيمەن

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسىرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە يۈرگۈزگەن زۇلۇم توغرىسىدا توختىلىپ: "بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر، بۇنىڭغا جىمجىت قاراپ تۇرغانلارغا لەنەت ئوقۇيمەن" دېدى.

971151
ئەردوغان: ئىسىرائىلىيەنىڭ قىلمىشى ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر، بۇنىڭغا قاراپ تۇرغانلارنى لەنەتلەيمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈرك ئوقۇغۇچىلارغا خىتاب قىلدى. ئۇ ئامېرىكانىڭ ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەش جەريانىدا ئونلارچە پەلەستىنلىكنىڭ ئىسىرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن شېھىت قىلىنغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:

"ئىسىرائىلىيە دۆلەت تېررورلۇقى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ، ئىسىرائىلىيە بىر تېررورلۇق دۆلىتىدۇر."

ئۇ تۈركىيەنىڭ پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىنى ئىزچىل ھالدا قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: "بۈگۈن ئىسىرائىلىيەنىڭ تېررورلۇقىدا قۇربان بولغان غەززەلىك شېھىتلىرىمىزغا ۋە پەلەستىنلىك شېھىتلىرىمىزغا ئۇلۇغ ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمەن، ئوخشاشلا ھۇجۇملاردا يارىلانغان پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمغا ئۇلۇغ ئاللاھتىن شىپالىق تىلەيمەن" دېدى.

ئۇ پەلەستىندە تۈنۈگۈن (14-ماي) يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە 2500 ئەتراپىدا پەلەستىنلىكنىڭ يارىلانغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە دوختۇرخانىلاردا جىددىي قۇتقۇزۇلۇۋاتقانلارنىڭمۇ بارلىقىنى ۋە ئۇلارغا دورا يەتكۈزۈشتە قىيىنچلىققا ئۇچرىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"مەن ئىنسانىيەت تىراگېدىيەسىنى قايسى تەرەپ پەيدا قىلغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەيلى ئامېرىكا ياكى ئىسىرائىلىيە بولسۇن لەنەتلەيمەن، بۇنىڭغا جىمجىت قاراپ تۇرغانلارنىمۇ، رەنجىمىسۇنلاركى ئۇلارنىمۇ لەنەتلەيمەن. مەسىلەن، ھەر قانداق يەردە بۇ خىل ۋەقەلەر يۈز بەرگەندە ياكى دۆلىتىمىزگە زىيارەتكە كەلگەنلەر بىز بىلەن كۆرۈشكەن چاغدا، تېررورىستلارغا قارشى قىلغان كۈرىشىمىزدە تېررورىستلارنى ئۆلتۈرگەن چېغىمىزدا بىزنى تەنقىدلىگەنلەر، مانا ئەمدى ئۆز زېمىنىنى ئىشغال قىلغانلارغا قارشى كىچىككىنە بولسىمۇ ئاۋازىنى چىقارمايۋاتىدۇ، ھازىر ئىسىرائىلىيە دۆلەت تېررورلۇق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ، ئىسىرائىلىيە تېررورلۇق دۆلىتىدۇر ۋە بۇنى قىلمىشلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلاۋاتىدۇ.

ناھايىتى ئەپسۇسكى، ئامېرىكا سۈرىيەدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د، ي پ گ بىلەن بىرلىكتە دائېشقا قارشى كۈرەش قىلغانلىقىنى ئېيتىپ، قانداق ھەمكارلاشقان بولسا، بۇ يەردىمۇ ئىسىرائىلىيە بىلەن رەھىمسىزلەرچە ھەمكارلاشتى. ئىسىرائىلىيەنىڭ قىلمىشى ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر ۋە بۇنى بۈگۈن (14-ماي) تۇنجى قېتىم قىلمايۋاتىدۇ. ھەممىمىز بىلگىنىدەك، 1948-يىلدىن باشلاپ ئىشغال داۋاملىشىۋاتىدۇ، نەتىجىدە پەلەستىن كىچىكلە-كىچىكلە بۈگۈنكى ئالقانچىلىك يېرىدە قالدى. تېخى بۇ يەردىنمۇ قوغلاپ چىقرىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. پەقەت قانۇنسىز قارارغا قارشى دېموكراتىك ھەق-ھوقۇقىدىن پايدىلانغان پۇقرالارغا قىلىنغان بۇ ھۇجۇملار، ئىسىرائىلىيەنىڭ ئەپتى- بەشىرەسىنى ئېچىپ بەردى."

ئۇ پەلەستىنلىكلەرگە قىلىنغان ھۇجۇم خەۋىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ھەمدە باشقا مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر بىلەن مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

"مۇزاكىرەلىرىمىز نەتىجىسىدە، تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بەزى قارارلارنى ئالدۇق. پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ھەمكارلىشىش ئۈچۈن ئەتە (15-ماي) دىن باشلاپ ئۈچ كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلدۇق. بۇنىڭدىن باشقا، نۆۋەتچى رەئىسى بولۇۋاتقان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىمۇ پەۋقۇلئاددە يىغىنغا چاقىردۇق. جۈمە (18-ماي) كۈنى ئەتىگەندىن چۈشكىچە پەۋقۇلئاددە يىغىنىمىزنى چاقىرىمىز، چۈشتىن كېيىن، ئىنشائاللاھ يەنىكاپى مەيدانىدا زۇلۇمغا قارشى چوڭ يىغىلىشىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز. ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىمۇ جىددىي توپلىنىشقا چاقىرىمىز، ئىنشائاللاھ ئەتە (15-ماي) تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىمۇ ئالاھىدە كۈنتەرتىپلەر بىلەن توپلىنىدۇ. پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمىزنى نامايان قىلىش ئۈچۈن جۈمە كۈنىدىكى پائالىيەتلىرىمزنى قىلىش بىلەن بىرگە، يەكشەنبە (20-ماي) كۈنى دىيارباكىردا چوڭ يىغىلىشلارنى ئۆتكۈزىمىز ۋە بۇ خىل پائالىيەتلىرىمىز بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى داۋاملىشىدۇ.

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتىدە، رامىزان ئېيى بويىچە ئەزا دۆلەتلەردە پەلەستىنلىك قېرەىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ياردەم سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىمىز، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەكتۇپلارنى يازدىم، ئىمزالار قويۇلدى ۋە مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرگە ئەۋەتىلىدۇ. جۈمە كۈنىدىكى پەۋقۇلئاددە يىغىننى شەنىگە يارىشىدىغان شەكىلدە ئۆتكۈزۈشكە يېتىشىش ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن، رەھبەرلەرگە ئۆزەم شەخسەن تېلېفون قىلغان بولسام، يەنە بىر تەرەپتىن باش مىنىستىرىمىز باش مىنىستىرلارغا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىغا تېلېفون قىلىشنى باشلىدى."

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاخىرىدا، تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ بۈگۈن (14-ماي) 100 مىڭ دوللارلىق جىددىي ئېھتىياجلىق بۇيۇملارنى سېتىۋېلىپ، غەززەدىكى دوختۇرخانىلارغا يەتكۈزۈشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: "تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى ۋە ئارمىيە باش ئىشتابىنىڭ ھەمكارلىشىشى ئاستىدا غەززەدىكى يارىدارلارنىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن زۆرۈر خىزمەتلەرنى باشلىدۇق" دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر