ئەردوغان خەلقئارانى ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنسىز قىلمىشلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىسرائىلىيەنىڭ ئەۋجىگە چىقىۋاتقان ھۇجۇمچى خاراكتېرىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن سۈرئەت بىلەن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.

970464
ئەردوغان خەلقئارانى ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنسىز قىلمىشلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندىكى ئىستراتېگىيە ئورگىنى كاتھام ھاۋستا سۆز قىلدى.

ئەردوغان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پۈتكۈل قارشىلىقلارغا قارىماي، تېل ئاۋىۋدىكى ئەلچىخانىسىنى قۇدۇسقا يۆتكىشىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) قارارلىرىغا زىت بۇ قارارنى يەنە بىر قېتىم رەت قىلىمىز. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئاخىرقى قەدىمى بىلەن، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەمەس، مەسىلىنىڭ بىر پارچىسى بولۇش يولىنى تاللاپ، ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسىدىكى مۇرەسسەلەشتۈرگۈچىلىك رولىنى يوقىتىپ قويدى. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەستىن يەلكىسىدىكى بۇرچىنى ئادا قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئەۋجىگە چىقىۋاتقان ھۇجۇمچى خاراكتېرى ۋە پەلەستىن خەلقىگە قىلىۋاتقان قانۇنسىزلىقلىرىغا خاتېمە بېرىش ئۈچۈن، سۈرئەت بىلەن ھەرىكەتكە ئۆتۈش كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئىچكى ھېساۋاتلارغا تايىنىپ ئۈچ ساماۋى دىننىڭ مۇقەددەس ماكانى بولغان قۇدۇسنىڭ سالاھىيىتىنى ئۆزگەرتىش يولىدا تاشلاشغان قەدەملەر پۈتكۈل ئېتىرازلارغا قارىماي بۈگۈن ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتىدۇ. بىزگە ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە تېڭىلىۋاتقان بۇ ئىشقا ئېتىراز بىلدۈرىمىز. ئۆزىمىزنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرىكى قاراڭغۇ كۈنلەردىكىدەك ھېس قىلىشتىن تۇتالمايۋاتىمىز. ب د ت ئادالەت ئۈستىگە قۇرۇلغان بولسا، بۇنىڭ روھىغا ئاساسەن ئىش قىلىشقا مەجبۇرمىز. دۇنيانىڭ مىخى چىقىپ كەتكەن بولسا، ئۇنى ئورنىغا كىرگۈزىدىغىنى بولقىنىڭ قاتتىق زەربىسى ئەمەس، ئۈمىدتۇر، دىيالوگدۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر