ئەردوغان ئەنگلىيەگە يۈرۈپ كەتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەنگلىيەگە قاراپ يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

969581
ئەردوغان ئەنگلىيەگە يۈرۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەنگلىيە زىيارىتىنىڭ مەقسەت – مۇددىئاسى توغرىسىدا توختىلىپ، «باش ۋەزىر تىرېسا مېينى ئۆتكەن يىلى مەنمۇ قوبۇل قىلدىم، ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئۇچرىشىشلىرىمىز بولدى. رايون ۋە خەلقئاراغا ئالاقىدار ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا سۆزلىشىمىز. تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ مۇھىم ئورۇندىكى مەسىلىلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. ئىككى كاپالەتچى دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، قىبرىستىكى ئۆزگىرىشلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز» دېدى.

تۈركىيەنىڭ ئەنگلىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى گۈللەندۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، «تاتلىق تىل مۇنبىرىمۇ بۇنىڭغا ناھايىتى كۆپ تۆھپە قوشماقتا. تۈركىيە – ئەنگلىيە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىققاندىن كېيىنمۇ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىشىنى خالايمىز» دېدى.

ئەردوغان سۆزى جەريانىدا تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشى توغرىسىدىمۇ توختىلىپ، «بىزگە دەخلى قىلغانلارغا دەخلى قىلىمىز، بىزگە زىيان سالمىغانلار بىلەن ئىشىمىز بولمايدۇ. بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / پ ي دۆلەت – ي پ گ قارشى كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. سۈرىيەدە ئافرىن ۋە جەرابلۇس بۇنىڭ ئەڭ گۈزەل ئۈلگىسى ئىدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ، ئامېرىكا «دائېشقا قارشى كۈرەش» دېگەن نام ئاستىدا سۈرىيەنىڭ مەنبىچ رايونىغا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ گۇماشتىسى پ ي د / ي پ گ ئەزاسى تېررورچىلارنى ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا پەيدا بولغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت جەريانى ھەققىدىمۇ توختالدى.

ئەردوغان، دائېش مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىن پ ك ك / پ ي د / ي پ گ تېررورچىلىرىنىڭ رايوننى بوشىتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئامېرىكىنىڭ ۋەدە بەرگەنلىكىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، «تېل رىفات ۋە مۇنبىچ مەسىلىسى توغرىسىدا بىزگە بېرىلگەن ۋەدىنىڭ ئورۇندىلىشىنى كۈتمەكتىمىز» دېدى.

سۆزىنى ئانىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان ئەردوغان، «ئانىلار بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن. ئانىلىرى بارلارنىڭ ئانىلىرىنىڭ تاپىنىنى سۆيىشىنى، جەننەتنىڭ ھىدىنى ئېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. پەرۋەردىگارىم بىزنى ئانىسىز ھاياتتىن ساقلىسۇن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر