جۇمھۇر رەئىس نامزاتلىرىنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئالىي سايلام ئورگىنى، جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىدا رىقابەتكە چۈشىدىغانلىقى جەزملەشكەن نامزاتلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى.

969552
جۇمھۇر رەئىس نامزاتلىرىنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئالىي سايلام ئورگىنىنىڭ رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىنغان قارارىدا، 24 – ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇمھۇر رەئىس ۋە 27 – نۆۋەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى ئومۇمىي سايلىمىدا رىقابەتكە چۈشىدىغانلىقى مۇقىملاشقان جۇمھۇر رەئىس نامزاتلىرى تىزىملىكىگە ئورۇن بېرىلدى؛ ئالىي سايلام ئورگىنىنىڭ 9 – مايدىكى 2018 / 426 – نومۇرلۇق مۇۋەققەت نامزاتلار تىزىملىكى ئورۇن ئالغان قارارى رەسمىي گېزىتنىڭ 10 – مايدىكى 30417 – سانىدا  ئېلان قىلىنغان بولۇپ، جۇمھۇر رەئىس سايلىمى مۇۋەققەت نامزاتلار تىزىملىكىگە 11 – ماي جۈمە كۈنى سائەت 17:00 گىچە قىلىنغان ئېتىرازلار، ئالىي سايلام ئورگىنى تەرىپىدىن قاراپ چىقىلىپ رەت قىلىندى.

ئالىي سايلام ئورگىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئارقىلىق جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىدا ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە دوغۇ پەرىنچەك، مەرال ئاقشەنەر، مۇھەررەم ئىنجە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، سەلاھاتتىن دەمىرتاش ۋە تەمەل قاراموللائوغلۇنىڭ نامزاتلىقىنى مۇقىملاشتۇردى.

قاراردا، نامزاتلارنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى ۋە پۈتتۈرگەن ئۇنىۋېرسىتېتلىرىغا دائىر ئۇچۇرلارغىمۇ ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر