جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

968504
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېلېفون سۆھبىتىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 2015 – يىلى ئىران بىلەن تۈزگەن يادرو كېلىشىمىدىن ئۆز ئالدىغىلا چېكىنىش قارارى توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇ قارارىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشكەن ئىككى رەھبەر، مەزكۇر كېلىشىمنىڭ ئەسلىدە ئاداققىچە رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك دىپلوماتىك غەلىبە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىشتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، يېقىندىن بۇيان بارغانسېرى يامانلىشىۋاتقان سۈرىيە كىرىزىسى توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

تېلېفون سۆھبىتىدە يەنە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 7 – ماي كۈنى قەسەم بېرىپ 4 – قېتىم ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشى مۇناسىۋىتى بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننى تەبرىكلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر