ئەردوغان فىرانسىيەنىڭ قۇرئاننى ئۆزگەرتىش تەكلىپىگە قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى

ئەردوغان: ئەجىبا بۇلار ئۆمرىدە بىر قېتىم بولسىمۇ، ئۆز كىتابلىرى بولغان ئىنجىلنى، تەۋراتنى ياكى زەبۇرنى ئوقۇپ بېقىشقانمىدۇ؟ ئەگەر ئوقۇغان بولسا ئىدى، چوقۇم ئۆز كىتابلىرىنى پۈتۈنلەي چەكلەشنى تەلەپ قىلشقان بولاتتى» دېدى.

966476
ئەردوغان فىرانسىيەنىڭ قۇرئاننى ئۆزگەرتىش تەكلىپىگە قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان فىرانسىيەدە قۇرئان كەرىمگە قارشى ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشقا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

ئەردوغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى)دىكى گۇرۇپپا يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

ئەردوغان نۇتۇقىدا، فىرانسىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى نىكولاس ساركوزىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 300 كىشىنىڭ ئىمزاسى بىلەن ئېلان قىلىنغان قۇرئان كەرىمدىن بەزى ئايەتلەرنى چىقىرىپ تاشلاش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشلىرىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

ئەردوغان: «فىرانسىيەدە ئۆزىنى بىلمەيدىغان بەزىلەر قۇرئان كەرىمدىن بىر تۈركۈم ئايەتلەرنىڭ چىقىرىپ تاشلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىشىپتۇ. ئەجىبا ئۆمرىدە بىر قېتىم بولسىمۇ ئۆز كىتابلىرى بولغان ئىنجىلنى، تەۋراتنى ياكى زەبۇرنى ئوقۇپ بېقىشقانمىدۇ؟ ئەگەر ئوقۇغان بولسا ئىدى، چوقۇم ئۆز كىتابلىرىنى پۈتۈنلەي چەكلەشنى تەلەپ قىلشقان بولاتتى» دېدى.

ئەردوغان يەنە: «ئى غەرب! بىزنىڭ مۇقەددەس كىتابىمىزغا ھۇجۇم قىلغىنىڭلاردا، شۇنى ياخشى بىلىپ قويۇڭلاركى، بىز سىلەرنىڭ مۇقەددەس بىلگەنلىرىڭلارغا ھۇجۇم قىلمايمىز، بىراق سىلەرنى يىقىتىپ تاشلايمىز. بۇنى ياخشى بىلىپ قويۇڭلار! بىزنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرىمىزغا ھۇجۇم قىلىدىغان سىلەر زادى كىم ئىدىڭلار؟! بىز سىلەرنىڭ نەقەدەر پەسكەش ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىمىز» دېگەنلەرنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر