ئەردوغان: پەلەستىنلىكلەر بارلىق مەزلۇملارنىڭ سىمۋولى

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ بارلىق مەزلۇملارنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

965657
ئەردوغان: پەلەستىنلىكلەر بارلىق مەزلۇملارنىڭ سىمۋولى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلدا "زەيتۇن تېغى تىنچلىق مۇكاپاتلىرى" نى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پەلەستىن ۋە قۇددۇس مەسىلىسىنىڭ پەقەتلا بىر خەلقنىڭ، بىر جۇغراپىيەنىڭ ياكى بىر شەھەرنىڭ دەۋاسى ئەمەس، بەلكى دۇچار بولغان زۇلۇملار، قەتلىئاملار ۋە ئادالەتسىزلىكلەر سەۋەبىدىن بارلىق مەزلۇملارنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"بىز ئىنسانىيەتنىڭ، بولۇپمۇ تىنچلىقنىڭ مەركىزىي بولۇشى كېرەك بولغان پەلەستىن ۋە قۇددۇسنىڭ ئىسمىنى زۇلۇم بىلەن يانمۇ يان يازغان ئىسىرائىلىيە ھاكىمىيىتى ئۈستىدىن ئىككى دۇنيادىمۇ دەۋاچى بولىمىز."

ئۇ سۆزىدە، ب د ت نىڭ دۇنيادىكى مەسىلىلەرگە چارە تاپالمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە يەنە بىر قېتىم "دۇنيا بەشتىن چوڭ" دېدى.

ئۇ: "نېمە توغرا بولسا، شۇنى ئاخىرقى نەپسىمىزگىچە قوغدايمىز. دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى پەقەت بەش دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە ئاساسەن ئۇلارنىڭ ئىختىيارلىقىغا تاشلاپ بەرگەن تۈزۈمنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ. ئەمدى ب د ت نى ئىسلاھ قىلىش، قىلمىسا بولمايدىغان ئىشتۇر' دېدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

"فىرانسۇزلار ئالجىرىيەدە 5 مىليون كىشىنى ئۆلتۈردى، لىۋىيەدىمۇ يەنە شۇ فىرانسۇزلار چوڭ كۆلەملىك قەتلىئام يۈرگۈزدى، دۇنيا بۇنىڭغا ھېچنىمە دېمىدى. بۇ ھەر دائىمقىدەك ئوخشاش ئويۇن، ئەتىمۇ ئوخشاش بولىدۇ. چۈنكى قۇرۇلما مۇشۇنداق، خاراكتېر مۇشۇنداق."

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىنسانىيەتنىڭ كېلەچىكىنى، پەلەستىن ۋە قۇددۇس مەسىلىسىدىكى سىناق بىلەن قولغا كەلتۈرىدىغان نەتىجىنىڭ بەلگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: "بۇ سىناقتىن پىشانىمىزنىڭ تەرى ئۆتەلىسەك، ئىنسانىيەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن كېلەچىكىمىزگە ئىشەنچ ۋە ئۈمىد بىلەن نەزەر تاشلىيالايمىز" دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر