ئەردوغان: داۋاملىق توغرا يولدا ماڭىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان داۋاملىق توغرا يولدا ماڭىدىغانلىقلىرىنى، قايسىسى توغرا بولسا شۇ ئىشنى قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

964076
ئەردوغان: داۋاملىق توغرا يولدا ماڭىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جەنۇبىي كورېيە زىيارىتى جەريانىدا تۈرك ژۇرنالىستلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/پ ي د/ي پ گ گە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۈرەش توغرۇلۇق توختالدى، ھەمدە 20 – يانۋار باشلىنىپ، 18 – مارت كونتىرول ئاستىغا ئېلىنغان سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا بومبا ۋە مىنا تازىلاش پائالىيەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئىدلىب ۋە تەلرىفاتنىمۇ تېررورچىلاردىن تازىلاش باسقۇچلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمىز مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا زىيارەتتە بولىدۇ. بۇ زىيارەتتە، چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو بىلەن <مەنبىچ> مەسىلىسى توغرۇلۇق سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ. <مەنبىچ> نىڭ ي پ گ ۋە پ ي د دىن تازىلىنىشىغا قارىتا كېرەكلىك قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشىغا تىلەكداشمىز.»

سۆزىدە، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ پات - پات تۈركىيەگە قارشى باياناتلارنى بېرىشى توغرىلىقمۇ توختالغان ئەردوغان، ماكروننىڭ سۆزلىرىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.

نۆۋەتتە فىرانسىيەدىكى ئىش تاشلاش ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن ماكروننىڭ بېشىنىڭ دەرتتە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئەردوغان، ماكروننىڭ بالقان رايونى بىلەن تۈركىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى يامانلاشتۇرۇۋېتىش لازىملىقىغا ئالاقىدار باياناتلىرى توغرىلىقمۇ توختىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ بالقان دۆلەتلىرى بىلەن بولغان تارىخىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى مۇناسىۋەتلىرى ھەم ناھايىتى ئۇزۇنغا سوزۇلىدۇ ھەم ناھايىتى مۇستەھكەمدۇر، شۇڭا، ھېچكىمنىڭ بۇلارنى يوققا چىقىرىشقا ھەم ھەددى ئەمەس، ھەم مەقسىتىگىمۇ يېتەلمەيدۇ.»

تۈركىيە سايلام مۇھىتىغا كىرگەن شۇ كۈنلەردە غەرب تاراتقۇلىرىدا تۈركىيەگە قارشى خەۋەرلەرنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ دىققەت قوزغايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بۇ يېڭى ئەھۋالمۇ ئەمەس، چۈنكى، بىز بۇنداق ئىشلارنى ئىلگىرىكى سايلاملاردىمۇ ناھايىتى كۆپ كۆرگەنىدۇق. بەزى ياۋروپا ئەللىرىنىڭ، سىياسىيونلىرىمىزغا، پۇقرالىرىمىزغا قارشى پوزىتسىيەلەردە بولۇشى ئەلۋەتتە دېموكراتىك پوزىتسىيەلەر ئەمەستۇر. دەرۋەقە، سايلاملارغا، سايلام رىقابەتلىرىگە ھەممە ھۆرمەت قىلىشى لازىم. شۇنى تەكىتلەش ھاجەتكى، بىز ياۋروپادىكى سايلاملارغا ھەم ئارىلاشمايمىز ھەم سايلاملاردا غايىب قىلغان رەھبەرلەرگە تېلېفون قىلىپ تەبرىكلەپ كېلىۋاتىمىز. چۈنكى، بىز ياۋروپا بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا يېڭى سەھىپە ئېچىلىشىنى خالايمىز، مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز ئۆز يۆنىلىشىمىزنى بويلاپ، داۋاملىق توغرا يولدا ماڭىمىز، قايسىسى توغرا بولسا شۇ ئىشنى قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز.»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياۋروپادا ياشاۋاتقان تۈركىيە پۇقرالىرىغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: «ياۋروپادىكى بەزى دۆلەتلەر سايلام سەپەرۋەرلىكى ئۈچۈن يىغىن زاللىرى بېرىپ بەرمەيدىغانلىقلىرى توغرۇلۇق تالاش – تارتىش قىلماقتا، شۇڭا، بىز ياۋروپادا ياشاۋاتقان پۇقرالىرىمىز بىلەن بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنادا بىر يەرگە جەم بولۇشنى قارار قىلدۇق، 9 – 10  مىڭ كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىنى كۈتۈۋاتىمىز، ياۋروپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كېلىدىغان پۇقرالىرىمىز بىلەن بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنادىكى بىر يىغىن زالىدا بىر يەرگە جەم بولىمىز. خۇدايىم بۇيرىسا، بۇ يىغىلىشقا مەنمۇ قاتنىشىمەن.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، خەلقئارا كىرېدىتنى دەرىجىگە ئايرىش ئورگىنى « Standard and Poors » نىڭ تۈركىيەنىڭ كىرېدىت دەرىجىسىنى چۈشۈرۈشى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئورگاننىڭ قارارلىرى ھەمىشە سىياسىي تۈس ئالغان بولۇپ، سايلامدىن كېيىن يەنە بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا بۇ قارارىدىن ۋاز كېچىشكە، ھەمدە كەينىگە چېكىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر