ئامېرىكادا بېلەت تاشلاش 9-ئىيۇن باشلىنىدۇ

ئامېرىكادا ياشاۋاتقان تۈركىيە پۇقرالىرى 24-ئىيۇن (يەكشەنبە) تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمى ۋە 27-نۆۋەتلىك پارلامېنت سايلاملىرى ئۈچۈن 2018-يىلى 9-ئىيۇندىن 17-ئىيۇنغىچە بېلەت تاشلايدۇ.

963798
ئامېرىكادا بېلەت تاشلاش 9-ئىيۇن باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسى ئامېرىكادا ياشاۋاتقان تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ 24-ئىيۇن سايلاملىرىدا بېلەت تاشلاش ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك يازما بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا: "ئالىي سايلام كېڭىشى چەت ئەللەردىكى ئەلچىخانا ۋەكونسۇلخانىلاردا جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمى ۋە 27-نۆۋەتلىك پارلامېنت سايلىمىغا مۇناسىۋەتلىك بېلەت تاشلاش ۋاقىت جەدۋېلىنى ئېلان قىلدى. بۇبىڭغا ئاساسەن، ئامېرىكادىكى سايلىغۇچىلار كۆتىكىدە ئىسمى بولغان پۇقرالىرىمىز 2018-يىلى 9-ئىيۇندىن 17-ئىيۇنغىچە بولغان 9 كۈن بويىچە ئەتىگەن سائەت 9 دىن كەچ سائەت 21:00 گىچە ۋاشىنگتون ئەلچىخانىسىدىن باشقا، بوستون، خوستون، لوس ئانژېلىس، مىيامى، نىيۇ يورك ۋە چىكاگو كونسۇلخانىلىرىدا بېلەت تاشلىيالايدۇ' دېيىلدى.

باياناتتا، جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمى ئىككىنچى قېتىمغا قالغان ئەھۋالدا 2018-يىلى 30-ئىيۇندىن 4-ئىيۇلغىچە ئەتىگەن سائەت 9 دىن كەچ سائەت 21 گىچە بېلەت تاشلىيالايدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

 ئامېرىكا مىقياسىدا 100 مىڭدىن ئارتۇق تۈرك سايلىغۇچى  ياشايدىغانلىقى، بۇنىڭ تەخمىنەن 38 مىڭدىن ئارتۇق سايلىغۇچىنىڭ نىيۇ يوركتا ياشايدىغانلىقى بىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر