جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇخارادا

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «جان» ناملىق مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن تاشكەنتتىن ئۆزبېكىستاننىڭ بۇخارا شەھىرىگە يېتىپ باردى.

961776
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇخارادا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋە رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغاننى بۇخارا خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ بىلەن ئۇنىڭ رەپىقىسى زىرائەت مىرزىيويېۋ ۋە بۇخارا ۋالىيسى ئۆكتەم بەرنويېۋ قارشى ئالدى.

مىللىي كىيىملەرنى كىيگەن ئىككى ئۆزبېك قىزى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى قىزغىن قارشى ئېلىپ، گۈل تەقدىم قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئالدى بىلەن بۇخارادا تارىخىي ۋە مەدەنىيەتلىك جايلارنى زىيارەت قىلىدىكەن، ئاندىن جەنۇبىي كورېيەگە يۈرۈپ كېتىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر