ئەردوغان جەنۇبىي كورېيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جەنۇبىي كورېيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشقا تەييارلانماقتا.

961413
ئەردوغان جەنۇبىي كورېيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چوئى خوڭگى، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ جەنۇبىي كورېيە زىيارىتىنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

باش ئەلچى چوئى خوڭگى، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ پىرېزىدېنت مۇن جائېئىننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن سودا – سانائەتچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ھەيئەتنىڭ ھەمرالىقىدا 2 -، 3 – ماي كۈنلىرى كورېيەدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمنىڭ ئۆتكەن يىلقى جەنۇبىي كورېيە زىيارىتىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن باش ئەلچى چوئى، يىلدىرىم زىيارىتى جەريانىدا ئوتتۇرىغا قويغان 10 – 15 مىليارد دوللارلىق سودا ھەجىمى نىشانىنىڭ پەقەت ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودىنىڭ كۈچەيتىلىشى ئەمەس، ئوخشاش ۋاقىتتا دۆلەتلەر ئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنىڭ گۈللەندۈرۈلۈشى دېگەنلىك بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ جەنۇبىي كورېيە زىيارىتىنىڭ ئىككى دۆلەت ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى نۇقتىسىدىن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن چوئى، «زىيارەتنىڭ مۇھىم تېمىلىرى سېلىنمىلار ۋە مۇداپىئە سانائىتى لايىھەلىرىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش بولىدۇ. ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ كورېيەدىكى چوڭ شىركەتلەر بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈشۈشى پىلانلانماقتا. بۇ زىيارەتنى سېلىنمىلارنىڭ ئېشىشى ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن. ئەردوغانغا كۆپ ساندا تۈرك سودا – سانائەتچى ھەمراھ بولىدۇ. تۈرك مەبلەغ سالغۇچىلار، كورېيەدىكى سودا – سانائەتچىلەر بىلەن يۈز – تۇرانە كۆرۈشىدۇ ۋە بۇ ئۇچرىشىشلار نەتىجىسىدە ھەمكارلىقنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر