بىنالى يىلدىرىم مۇنبىچ مەسىلىسى ئۈستىدە مۇھىم سۆز قىلدى

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيە/ مۇنبىچ رايونىدىكى مەۋجۇتلۇقىنىڭ تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

960300
بىنالى يىلدىرىم مۇنبىچ مەسىلىسى ئۈستىدە مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم بەزى خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ بىرلەشمە نەق مەيداندىن تارقىتىش پىروگراممىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. 

مۇنبىچ ھەققىدە ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون مەزگىلىدە بىر كېلىشىم تۈزۈلگەنلىكىنى ۋە 90 كۈنلۈك يول خەرىتىسى سىزىپ چىققانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.

بىنالى يىلدىرىم ئامېرىكىدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پوميېئو ۋەزىپىسىنى باشلىغاندىن كېيىن، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، تۈركىيەنىڭ پ ك ك گۇماشتىلىرى پ ي د ي پ گ نىڭ رايوندىن چېكىنىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، بۇ مەسىلىنى ئامېرىكا بىلەن ھەل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. 

بىنالى يىلدىرىم مۇنبىچتە ئەرەبلەر ۋە تۈركمەنلەر ئېغىر سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى، باشقا ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىڭمۇ بارلىقىنى، بىراق پ ك ك رايوندىكى خەلقكە ئارام بەرمەيۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:

«بىز ئامېرىكىغا <باشتىنلا سىلەرنىڭ بىزگە قىلغان ۋەدەڭلار بار. بۇ يەر تېررورچىلاردىن بىكارلىنىشى لازىم، تېررورچىلاردىن تازىلىنىشى لازىم> دەۋاتىمىز. ئەگەر ئۇنداق قىلمىسا، بىز بىخەتەرلىك ئۈچۈن نېمە كېرەك بولسا، شۇنى قىلىمىز. ئافرىندىكىگە ئوخشاش بىر ھەربىي ھەرىكەتنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بەلكى بۇنداق ئىشقا ئېھتىياج قالماس. ئامېرىكا بىلەن ئىشنى بىر تەرەپ قىلىشىمىز تېخىمۇ توغرا. چۈنكى ئۇ يەردە ئامېرىكا قىسىملىرىمۇ بار، رۇسىيە قىسىملىرىمۇ بار. بىز شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئىچىدە بىرەر جىددىيچىلىكنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولۇشنى ئارزۇ قىلمايمىز. شۇڭلاشقا بىرىنچى بولۇپ ئامېرىكا بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىشنى خالايمىز. بىراق بىزگە نىسبەتەن مۇنبىچتا پ ك ك نىڭ مەۋجۇتلۇقى بىر تەھدىتتۇر. خەۋپسىزلىك مەسىلىسىدۇر ۋە چوقۇم ھەل قىلىنىشى لازىم. چوقۇم مەلۇم بىر شەكىلدە ھەل قىلىنىدۇ»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر