ئەردوغان: ئىيۇن ئېيىدا تۈركىيە خەلقىگە ۋە دۇنياغا بېرىدىغان خۇش خەۋەرلىرىمىز بولىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىيۇن ئېيىدا تۈركىيە خەلقىگە ۋە دۇنياغا بېرىدىغان خۇش خەۋەرلىرى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
959380
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن بىرلىكتە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئەردوغان بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسى ئىيۇن ئېيىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ. سايلام ھارپىسىدا ئەزىز خەلقىمىزگە ۋە دۇنياغا بېرىدىغان خۇش خەۋەرلىرىمىز بولىدۇ.»