ھاتايدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

ھاتاينىڭ يايلا تېغى ناھىيەسىدە سۈرىيەدىن قانۇنسىز يوللار بىلەن تۈركىيە چېگراسىدىن كىرمەكچى بولغان بىر گۇرۇپپىنى توسۇش جەريانىدا ئېتىلغان ئوقتا يارىلانغان بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.

954358
ھاتايدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاتاينىڭ يايلا تېغى ناھىيەسىدە تۈركىيە چېگراسىدىن قانۇنسىز يوللار بىلەن كىرمەكچى بولغان بىر گۇرۇپپىنى توسۇش جەريانىدا يارىلانغان ئەسكەر، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولدى.

ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 3-چېگرا قوغداش بىرىگادىسىغا قاراشلىق پۇللۇيازى قاراۋۇلخانىسى مەسئۇل بولغان رايوندا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەسكەرلەر، قانۇنسىز ھالدا تۈركىيە چېگراسىدىن كىرىشكە ئۇرۇنغان بىر گۇرۇپپىنى توسقان. بۇ جەرياندا، قەيەردىن ئېتىلغانلىقى نامەلۇم بىر ئوقتا يارىلانغان ئەسكەر دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر