نۇمان قۇرتۇلمۇش خىتايدا زىيارەتتە بولماقتا

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى نۇمان قۇرتۇلمۇش خىتاينىڭ پات يېقىندا تۈركىيەنىڭ ساياھەت ساھەسىدىكى شېرىكىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

953148
نۇمان قۇرتۇلمۇش خىتايدا زىيارەتتە بولماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نۇمان قۇرتۇلمۇش «تۈركىيە ساياھەت يىلى» پائالىيىتى مۇناسىۋىتى بىلەن پايتەخت بېيجىڭغا يېتىپ بېرىپ، «خىتاي سەيلە ساياھەت يەرمەنكىسى» گە قاتناشتى.

يەرمەنكىدە تۈركىيە تەرىپىدىن ئېچىلغان مۇنبەرنىمۇ زىيارەت قىلىپ، تۈركىيەنى تونۇشتۇش پائالىيەتلىرى ھەققىدە ۋە خىتاينىڭ ساياھەت بازىرىنىڭ تۈركىيەگە بولغان قىزىقىشى ھەققىدە مەلۇمات ئالدى. باشقا دۆلەتلەرنىڭ مۇنبەرلىرىنىمۇ زىيارەت قىلىپ خاتىرە رەسىملەرگە چۈشتى.

نۇمان قۇرتۇلمۇش ئۇچرىشىلشاردىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاپ بېرىپ، تۈركىيە ساياھەت يىلى دائىرىسىدە 60 تىن ئارتۇق پائالىيەت ۋە تۇنۇشتۇرۇش پىروگرامنمىسى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ جوغراپىيە جەھەتتىن ئۇزۇق بولسىمۇ، كۈلتۈر جەھەتتىن يېقىن ئىككى دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«تۈركىيە ئاسىيانىڭ ياۋروپا ئېچىلغان دەرۋازىسى. خىتايمۇ ئاسىيانىڭ ئەڭ شەرقىدىكى چوڭ بىر دۆلەت»

نۇمان قۇرتۇلمۇش ئىككى دۆلەتنىڭ زور مەدەنىيەت تەجرىبىسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە كۈزلەنگەن يېقىنلىشىشنىڭ ساياھەت ساھەسىدە ئۆزىنى نامايان قلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى ھەمدە تارىخىي يېپەك يولىنىڭ قايتىدىن جانلاندۇرۇلۇشىنى نىشان قىلغان «بىر بەلۋاغ، بىر يول» پىلانى دائىرىسىدە يولغا قويۇلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك لايىھەلەرنىڭ تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسدىكى يېقىنلىشىشنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۇمان قۇرتۇلمۇش: «بىزنىڭ يېقىنقى مەزگىللىك ساياھەت ئىشلىرى ئىستراتېگىيىمىزنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا، بولۇپمۇ ئاسىيادا خىتاي، ھىندىستان، جەنۇبىي كورېيە، ياپونىيە، مالايشىيا ۋە ھىندونېزىيەدە تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش بولىدۇ» دېدى.

خىتايدا ئالدىنقى يىلى 130 مىليون كىشىنىڭ چەت ئەللەرگە ساياھەتكە چىققانلىقىنى ئەسكەرتكەن نۇمان قۇرتۇلمۇش خىتاي ساياھەتچىلەرگە تۈركىيەنى تونۇشتۇرۇشنى نىشان قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

2018يىلىدا خىتايدىن تۈركىيەگە كېلىدىغان ساياھەتچى سانىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئالدىنقى يىلى تۈركىيە 250 مىڭ ئەتراپىدا خىتاي ساياھەتچى كەلگەن ئىدى. بۇ يىل بۇ ساننىڭ 500 مىڭغا چىقماسلىقى ئۈچۈن ھېچقانداق سەۋەب يوق» دېدى. 

نۇمان قۇرتۇلمۇش: «تۈركيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ خىتايدىكى دولقۇنلىرىنى كېڭەيتىشى بىلەن خىتايدىكى ھاۋا يوللىرى شىركەتلىرىنىڭمۇ تۈركىيەگە بىۋاستە ئۇچۇشلارنى باشلىشىنى كاپالەتتە ئىگە قىلىپ، تۈركىيەگە تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچى كېلىشىنىڭ يولىنى ئاچىمىز» دېدى.

تۈركىيە ساياھەت يىلى پائالىيەتلىرى بىلەن قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەشلەرنىڭ كەلگۈسى يىللاردىمۇ داۋاملىشىشىنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن نۇمان قۇرتۇمۇش «خىتاي پات يېقىندا تۈركىيەنىڭ ساھەت ساھەسىدىكى شېرىكلىرىدىن بىرسىگە ئايلىنىدۇ» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر