ئەردوغان تېررورچىلارنى قانات ئاستىغا ئالغان فىرانسىيەنى قاتتىق ئەيىبلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىغا يانتاياق بولۇپ كېلىۋاتقان فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

946694
ئەردوغان تېررورچىلارنى قانات ئاستىغا ئالغان فىرانسىيەنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ –پ ك ك غا يانتاياق بولۇپ كېلىۋاتقان فىرانسىيەنى يەنە تەنقىدلىدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ دېڭىزلى قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىشتىن ئىلگىرى خەلققە خىتاب قىلىپ تېررورىزىمغا زەربە بېرىش ھەربىي ھەرىكەتلىرى ئۈستىدە توختالدى.

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا ئېلىپ بارغان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىدە 20-يانۋاردىن ھازىرغىچە 4000 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان مۇنداق دېدى: «ئىراقنىڭ شىمالىدا بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلارنىڭ سانى دېمەيلا قوياي، ئۇلارنى قوشساق بۇ 4300گە چىقىدۇ.»

تېررورچىلارنىڭ يەر ئاستىدا دوختۇرخانىلار، بىر فىرانسىيە سېمونت شىركىتىدىن ئالغان سېمونتلار بىلەن تۇنېللار ياساپ چىققانلىقلىرىنى ئېيتقان ئەردوغان:  مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ فىرانسىيە بىزگە ئەقىل ئۆگىتىۋاتىدۇ، بۇ دۆلەت تېررورچىلارنى قانات ئاستىغا ئېلىۋاتىدۇ، ھەتتا بۇ تېررورچىلارنى پىرېزىدېنتلىق سارىيىدا كۈتۈۋالدى.  فىرانسىيە بۇلارنىڭ ھېساۋابىنى بېرەلمەيدۇ، ھەتتا تېررورلۇق ئاپىتىدىن قۇتۇلالمايدۇ، گېرمانىيەدىكى تېررورچىلارنىڭ قانداق قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلىقلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسىلەر، فىرانسىيەدىمۇ بۇنداق ئىشلار بولىدۇ، غەرب ئەللىرى تېررورچىلارغا يانتاياق بولسا ئاقىۋىتى ئېغىر بولىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر