«ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەيئىتى تۈركىيەگە كېلىدۇ»

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرى، قوشۇمچە باش مۇزاكىرىچى ئۆمەر چەلىك، تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ياۋروپا ئەللىرىدە ۋىزىسىز ساياھەت قىلىشى مەسىلىسىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن بىر ھەيئەتنىڭ مۇشۇ ئاي ئىچىدە تۈركىيەگە كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

945298
«ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەيئىتى تۈركىيەگە كېلىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چەلىك تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ياۋروپا ئەللىرىدە ۋىزىسىز ساياھەت قىلىشى مەسىلىسى توغرۇلۇق ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن باشلىقى فرانس تىممېرمانس بىلەن سۆھبەت بارغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى بىزنىڭ تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ياۋروپا ئەللىرىدە ۋىزىسىز ساياھەت قىلىشىغا ئالاقىدار تەكلىپىمىز ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن مۇشۇ ئاي ئىچىدە بىر ھەيئەتنى تۈركىيەگە ئەۋەتىدۇ، ھەيئەتمۇ بىزگە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەكلىپلىرىنى سۇنىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر