«بۇ شەخسلەر زامانىۋى بەدەۋىلەردۇر»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى توغرىسىدا تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بارغانلارنى زامانىۋى بەدەۋىلەرگە ئوخشاتتى.

941640
«بۇ شەخسلەر زامانىۋى بەدەۋىلەردۇر»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنى ھەزىم قىلالمىغانلارنى «زامانىۋى بەدەۋى»گە ئوخشاشتى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇل يەدىتەپە بىئەنالى ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى.

ئەردوغان تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك- ك ج ك – پ ي د  ۋە دائېش تېررورچىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، دوست ۋە قېرىنداش رايون خەلقىنى بېسىم ۋە زۇلۇمدىن خالاس قىلىش مەقسىتىدە بۇ يىل 20-يانۋاردا قوزغالغان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى توغرىسىدا بەزى گۇرۇھ ۋە شەخسلەرنىڭ غەرەزلىك ھالدا تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان يەنە 2013-يىلى بىر نەچچە تال ياغاچنىڭ ئورنىنىڭ يۆتكىلىپ كېتىشى باھانە قىلىنىپ تاشقى كۈچلەرنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا پەيدا قىلىنغان «گەزى»ۋەقەلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتۈر تەشۋىقاتلارنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.

بۇ قېتىممۇ زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنى قوللاپ كېلىۋاتقان سەنئەتچىلەر ئۈستىدە يالغان خەۋەرلەر تارقىتىلىپ تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئەردوغان: بۇ شەخس ۋە گۇرۇھلار مىللىتىمىزدىن نۇرغۇن قېتىم بۇرنىغا يېسىمۇ يەنىلا ئەقلى-ھوشى جايىغا كەلمەيۋاتىدۇ. گەزە ۋەقەلىرىدە قىلغان ئەسكىلىكلەرنى ئوخشاشلا بۇ قېتىممۇ ئافرىنغا بېرىپ ئەسكەرلىرىمىزگە مەدەت بەرگەن سەنئەتچىلەرگە قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار بۇرۇن قانداق ئەخلاقسىزلىق ۋە يولسىزلىق قىلغان بولسا بۇ قېتىممۇ شۇنداق قىلىشتى، دېدى.

زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى توغرۇلۇق تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بارغۇچىلار ئۈستىدە توختالغان ئەردوغان مۇنداق دېدى: «بۇ شەخسلەر زامانىۋى بەدەۋىلەردىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر