ئەردوغان: سىنجاردىن تېررورچىلار چىقىرىلمىغان بولسا بىز چىقىرىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سىنجاردىن تېررورچىلار چىقىرىلمىغان بولسا تۈركىيەنىڭ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

939205
ئەردوغان: سىنجاردىن تېررورچىلار چىقىرىلمىغان بولسا بىز چىقىرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان بۇلغارىيەدە چاقىرىلغان «تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى» دىن قايتىشىدا ئايروپىلاندا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

تۈركىيەدە تۇتقۇن ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان ئىككى نەپەر گىرېتسىيە ئەسكىرىنىڭ ئەھۋالىنىڭ يىغىندا كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، «بۇنىڭ ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتۇق. ئۇلار ماڭا: <سىز كۈچلۈك جۇمھۇر رەئىسسىنىز، شۇڭا گىرېتسىيەلىك ئىككى ئەسكەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان بولسىڭىز> دېيىشتى. مەن ئۇلارغا: <مەن ئادالەتتىنمۇ كۈچلۈك ئەمەسمەن، شۇڭا ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ بۇ ھەقتە چىقىرىدىغان قارارىنى كۈتۈش لازىم> دەپ جاۋاب بەردىم» دېدى.

ئەردوغان گىرېتسىيەلىك ئىككى ئەسكەر مەسىلىسىگە بۇنچىلىك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلارغا، تۈركىيەدە 2016 – يىلقى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىغا قاتناشقاندىن كېيىن گىرېتسىيەگە قاچقان تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ تۈركىيەگە قايتۇرۇلۇشى مەسىلىسىگە ھېچ كۆڭۈل بۆلمەسلىكىنىڭ ھەققانىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنىمۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز ھېچقاچان بۇ ئىككى مەسىلىنى بىر - بىرىگە چېتىۋالمايمىز، ئەمما بىزنىڭ دۆلىتىمىزدە ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى قوزغىغانلار تېخىچە گىرېتسىيەدە. بىز ئۇلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولساقمۇ، ئەپسۇسكى، گىرېتسىيە ئۇلارنى بىزگە قايتۇرۇپ بەرمىدى. بۇ ھەقتە قىلىنى تەۋرىتىپ قويمىغانلار گىرېتسىيەلىك ئىككى ئەسكەرنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىدىن سۆز ئېچىشماقتا.»

ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەگە قارىتا ناھەق تەنقىد قىلىش ۋە قوش ئۆلچەملىك سىياسەت يۈرگۈزۈشنىڭ ئورنىغا مۆتىدىل پوزىتسىيە تۇتقان تەقدىردە، ھەم مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى، ھەمدە ئىشلارنىڭ تېخىمۇ قولايلىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، دىيالوگ قاناللىرىنى ئوچۇق تۇتۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ مەسىلىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى دائىرىلىرى  بىلەنئورتاق تونۇشقا ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.

ئىراقنىڭ سىنجار رايونىغا قىلىنغۇسى ھەربىي مۇداخىلىگە ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن ئەردوغان، ئىراق ھۆكۈمىتىدىن «سىنجاردا كېرەكلىك ھەربىي ھەرىكەتنى بىرقانچە يولدىن ئىشقا كىرىشتۈردۇق، داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز» تەرىقىسىدە ئۆزلىرىگە بايانات كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «سىنجاردىن تېررورچىلار چىقىرىلسا ياخشى بولىدۇ، ئەگەر چىقىرىلمىغان بولسا، ئۇلارنى چىقىرىش ئۈچۈن چېگرامىزغا 60 كىلومېتىر كېلىدىغان مۇساپىدىكى سىنجارغا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارىمىز.»

ئەردوغان تەلرىفات رايونىدا ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان «يول خەرىتىسى» توغرۇلۇق توختالغاندا، بۇنىڭ ئالدىن ئېلان قىلىنىدىغان مەسىلىلەر ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا مۇنداق دېدى: «ئەگەر ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا توغرا كەلسە، بىر كېچىسى ئۇشتۇمتۇت ئېلىپ بارىمىز، بۇنىڭ ۋاقتىنى، <يول خەرىتىسى> نى بىلدۈرۈپ دۈشمەننى سەگەكلەشتۈرۈپ قويۇشنىڭ ھاجىتى يوق ھەم بۇ توغرىمۇ ئەمەس.»

شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى تەبىئىي گاز ۋە نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىگە ئالاقىدار سۈركىلىش توغرىلىقمۇ توختالغان ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ بۇ رايوندىكى گىدروكاربون مەنبەلىرى مەسىلىسىدە پوزىتسىيەسىدىن ئەسلا ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى، چۈنكى شەرقىي ئاقدېڭىزدىن تېپىلىدىغان تەبىئىي گاز بىلەن نېفىتتە خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن قىبرىس تۈركلىرىنىڭمۇ ھەققى بارلىقىنى، بۇ بايلىق مەنبەلىرىدىن ئارالنىڭ ھەر ئىككى تەرىپىنىڭ باراۋەرلىك ئاساسىدا ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىراق رۇم تەرەپنىڭ دەردى باشقا. رۇم تەرىپى، <بىز قايسى شىركەتنى خالىساق، تەبىئىي گاز ۋە نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش ھوقۇقىنى شۇنىڭغا بېرىمىز> دەۋاتىدۇ. بىز بولساق، <جەنۇب بىلەن شىمال بىر يەرگە جەم بولسۇن؛ تەبىئىي گاز ۋە نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش ھوقۇقىنى قايسى خەلقئارالىق شىركەتكە بېرىشكە تېگىشلىك بولسا بىرلىكتە قارار چىقارسۇن> دەۋاتىمىز. دەرۋەقە، خەلقئارا قانۇنمۇ بۇنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇ مەسىلىگە كەلگەندە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى بىر تەرەپ پوزىتسىيە تۇتۇۋاتىدۇ، دېيەلمەيمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر