ت ر ت نىڭ «ئۇنۇتۇلغان ئۆسمۈرلەر» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمىنى كۆرۈشكە ئالدىراڭ!
بالا تېررورچىلارنىڭ يېتىشتۇرۇلۇشىگە دائىر «ئۇنۇتۇلغان ئۆسمۈرلەر» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم تاماملاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دىن قېچىپ كەلگەن ئۆسمۈرلەر بىلەن پەرزەنتلىرى گۆرۈگە تۇتۇپ كېتىلگەن ئىراقلىق ئائىلىلەر، باشتىن كەچۈرگەنلىرىنى «TRT World» قانىلىغا ئاڭلاتتى.
«ئۇنۇتۇلغان ئۆسمۈرلەر» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدە، پ ك ك نىڭ شىمالىي ئىراقتا يېتىشتۈرگەن بالا تېررورچىلارنى قانداق قولغا كەلتۈرگەنلىكى ۋە ئائىلىلىرىدىن قانداق مەجبۇر ئايرىپ تاشلىغانلىقى تەپسىلى چۈشەندۈرۈلىدۇ.
ھۆججەتلىك فىلىم ھەققىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىراقتىكى دائېشقا قارشى ھەرىكەتتىن كېيىن، بېخارامان ھەرىكەت قىلىش مۇھىتىغا ئىگە بولغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلىپ، مۇنۇلار قەيت قىلىنىدۇ:
«دائېشنىڭ 2014 – يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا ئىراقنىڭ شىمالىدىكى سىنجار ئۆلكىسىنى ئالقىنغا كىرگۈزۈۋىلىشى بىلەن تەڭ ياۋروپا ئەللىرى ۋە ئامېرىكا، ئۆكتىچىلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك بىلەن بىرلىكتە ئىش قىلىش قارارى ئالدى. بۇ رايوندىكى ئاساسلىق مېدىيا ئورگانلىرىنىڭ تەشۋىقاتلىرى سايىسىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك خەلقئارا جامائەتچىلىككە گويا بىر قەھرىمان، قوتقازغۇچىدەك سۇنۇلۇشقا باشلاندى. بىراق ئۇرۇشنىڭ ھەقىقىي ھېكايىسى ھەرگىزمۇ كۆرۈنىۋاتقاندەك ئەمەس ئىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 2017 – يىلىدا ئېلان قىلغان ئىنسان ئەتكەسچىلىكى دوكلاتىدا بىلدۈرىلىشىچە، بۇ مەزگلىدە يۈزلىگەن كىچىك بالىلار پ ك ك غا تەۋە گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن مەجبۇرى ئېلىپ كېتىلگەن. قىسغىنە تەلىم تەربىيەدىن كېيىن ئۆلۈش ۋە ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئالدىنقى سەپلەرگە يوللانغان. خەلقئارادا ئۇرۇش جىنايىتى ھېسابلىنىدىغان بالا تېررورىست يېتشىتۇرۇش جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن پ ك ك شىمالىي ئىراقتىكى پاناھلانغۇچىلار لاگېلىرى ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىي شۇنداقلا تۈركىيەدىكى ئائىلىلەرنىڭ كۆزلىرى ئالدىدا بالىلىرىنى تۇتۇپ كېتىشكەن»
ھۆججەتلىك فىلىمدە يەنە، شىمالىي ئىراقتا پ ك ك تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ، تۈركىيە، سۈرىيە ۋە ئىراقتا ئادەم بومبا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن قانداق تەربىيە كۆرگەنلىكلىرىنى ئاڭلاتقان 2 قىز ئۆسمۈر بىلەنمۇ سۆھبەت ئۆتكۈزىلىدۇ.
2 بۆلۈمدىن تەشكىل تاپقان بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ بىرىنچى بۆلۈمى 28 - مارت چارشەنبە كۈنى كەچ سائەت 23:30 دا «TRT World» ئىكرانلىرىدا كۆرۈرمەنلەر بىلەن ئۇچرىشىدۇ.