چاۋۇشئوغلۇدىن تېررورلۇق تەشكىلاتىغا: ئەي ي پ گ! ئىشەنگەن تېغىڭلاردا كېيىك ياتمىدىغۇ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/پ ك ك غا خىتاب قىلىپ: «سىلەرنى گۇماشتا قىلىپ ئىشلەتكەن خوجايىنلىرىڭلار بېشىڭلارغا كۈن چۈشكەندە سىلەرنى تاشلىۋەتتىغۇ» دېدى.

932937
چاۋۇشئوغلۇدىن تېررورلۇق تەشكىلاتىغا: ئەي ي پ گ! ئىشەنگەن تېغىڭلاردا كېيىك ياتمىدىغۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى تۈنۈگۈن ئافرىن ناھىيە مەركىزىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلەشتى: «بىر كېچىسى تۇيۇقسىز كېلىپ، سىلەرگە كىملىكىمىزنى كۆرسىتىپ قويىمىز دېگەن ئىدۇق. بىز ۋەدىمىزدە تۇردۇق. ئەمما سىلەرنى گۇماشتا قىلىپ ئىشلەتكەن خوجايىنلىرىڭلار بېشىڭلارغا كۈن چۈشكەندە سىلەرنى تاشلىۋەتتىغۇ! ئىشەنگەن تېغىڭلاردا كېيىك ياتمىدىغۇ! ئاقىۋېتىڭلار قانداق بولدى؟»

چاۋۇشئوغلۇ بۇ ئۇچۇرى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئافرىندا تۈركىيە بايرىقىنى شەھەر مەركىزىگە قاداش ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋىدېئونىمۇ ھەمبەھىرلەشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر