مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەبە بېرىلدى

تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە 21 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

933082
مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەبە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 12 – مارتتىن 19 – مارتقىچە بولغان ئارىلىقتا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا زەربە بېرىش مەقسىتىدە 1171 قېتىم ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغان، بۇ جەرياندا 21 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان. بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئائىت 76 پاناھ جاي ۋە يەر ئاستى پاناھلىنىش ئورۇنلىرى بىتچىت قىلىنغان، 26 پارتلاتقۇچ پاچاقلاپ تاشلانغان.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بۇ جەرياندا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى پ ك ك/دائېش ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئەتكەسچىلىك ۋە زەھەر ئەتكەسچىلىكى ھەرىكەتلىرىدە 5110 كىشى تۇتۇلغان، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتلىرىنى ئېلىپ بارغان 297 كىشىنىڭ مەسىلىسىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن تەكشۈرۈش باشلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر