ئافرىندا ئۇجۇقتۇرۇلغان تېررورچىلارنىڭ سانى 3569 غا يەتتى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئافرىن رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى باشلانغان كۈندىن بۈگۈنگە قەدەر ئۇجۇقتۇرۇلغان تېررورچىلارنىڭ سانى 3569 غا يەتتى.

931904
ئافرىندا ئۇجۇقتۇرۇلغان تېررورچىلارنىڭ سانى 3569 غا يەتتى

ئارمىيە باش ئىشتابىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، چېگرالارنىڭ ۋە رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ھەمدە مۇقىملىقىنى قوغداش، ئافرىندا پ ي د/ ي پ گ/ پ ك ك/ ك ج ك ۋە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنى يوقۇتۇش، دوست ۋە قېرىنداش خەلقنى تېررورچىلارنىڭ بېسىم ۋە زۇلۇملىرىدىن قۇتقۇزۇش مەقسىتىدە، 20يانۋاردا باشلانغان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى، ھەرىكەت باشلانغان كۈندىن بۈگۈنگە قەدەر ئۇجۇقتۇرۇلغان تېررورچىلار سانىنىڭ 3569 غا يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بۇ ئارىلىقتا تۈركىيە ئارمىيەسى ۋە ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى قىسىملىرى ئافرىندا يەنە 3 يېزىنى تېررورچىلاردىن قۇتقازدى.

تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى قىسىملىرى ئافرىننىڭ ھادى قاسىملى، ئەشقانشەرقىي ۋە ئاستارو يېزىلىرىنى ي پ گ/ پ ك ك ۋە دائېش تېررورچلىرىدىن تازىلىدى. ئافرىننىڭ غەربىي شىمالىدىكى ماباتلى ئولتۇراق رايونىغا قاراشلىق كوكانى ۋە ئاينەل ھەجەر بىلەن جەنۇپتىكى جىندەرەس ناھىيەسىگە قاراشلىق خەلتانغەربىي ۋە چاكىللى ئەججۇم يېزىلىرىمۇ ي پ گ/ پ ك ك ۋە دائېش تېررورچلىرىدىن قۇتقۇزۇلدى. شۇنىڭ بىلەن ماباتلى رايونى ۋە ئافرىن ناھىيە مەركىزى ئوتتۇرىسىدىكى قاتناش يولى كېسىپ تاشلانغان بولدى.

تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەرىكەت جەريانىدا كونتىروللۇقىنى ئالقىنىغا ئالغان رايونلارنىڭ سانى، 224 يېزا ۋە 44 ئىستىراتېگىيەلىك نۇقتا بولۇپ، جەمئىي 268 گە يەتتى.

ئافرىن ناھىيە مەركىزى ئەتراپىدىكى قورشاۋنى تېخىمۇ تارلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، كافەرچىل رايونىنىڭ كونتىروللۇقىنى قولىغا ئېلىپ، ناھىيە مەركىزىگە تەۋە تاشقى مەھەللىلەرگە يېتىپ بېرىشقا 600 مېتىر مۇساپە قالدى.

ئافرىن؛ ناھىيە مەركىزى، راجۇ، بۇلبۇل، شەيىخ ھەدىد، جىندەرەس، شەران ۋە مەباتلى بولۇپ جەمئىي 6 رايوندىن تەكشىل تاپىدۇ. ماباتلىدىن باشقا بارلىق رايونلار تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ كونتىروللۇقىغا ئۆتۈپ بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر