ئەنقەرە، ئىراندا يۈز بەرگەن ئايروپىلان قازاسى توغرىسىدا بايانات بەردى

باشاران گوروھىنىڭ ئىراننىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدا چۈشۈپ كەتكەن خۇسۇسىي ئايروپىلانىدىكى 11 كىشىنىڭ ھەممىسىنىڭ جەسىتى تېپىلدى.

927863
ئەنقەرە، ئىراندا يۈز بەرگەن ئايروپىلان قازاسى توغرىسىدا بايانات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قاتناش، دېڭىزچىلىق ۋە ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، «تۈنۈگۈن ئىسپاھاننىڭ 80 مىل غەربىي جەنۇبىدا چۈشۈپ كەتكەن باشاران گوروھىنىڭ TC-TRB نومۇرلۇق، كانادائاير CL-600 تىپلىق خۇسۇسىي ئايروپىلانى قازاغا ئۇچرىغان جايدىكى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى ۋالىي ياردەمچىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە داۋاملاشتۇرۇلماقتا، تۈركىيەنىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق ئەلچىسىمۇ نەق مەيداندىكى خىزمەتلەرنى كۆزەتمەكتە» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

باياناتتا، مىنىستىرلىقتىن 4، باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش باشقارمىسىدىن 3 بولۇپ جەمئىي 7 كىشىلىك مۇتەخەسسىسلەر ئەترىتىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا يېتىپ بارغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.

تۈركىيە ئەلچىخانىسىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان قانۇن دوختۇرلۇقى تەكشۈرۈشى ۋە كىملىك ئېنىقلاش خىزمەتلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، جەسەتلەرنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۈركىيەگە كەلتۈرۈلۈپ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا يەنە، «ئايروپىلاننىڭ (ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىن تېپىلغان) قارا قۇتىسى قازا تەكشۈرۈش ھەيئىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر