ئەرزۇرۇمدا 80 قانۇنسىز كۆچمەن تۇتۇلدى

ئەرزۇرۇمدا قانۇنسىز يوللار بىلەن تۈركىيەگە كىرگەن ئافغانىستانلىق ۋە پاكىستانلىق 80 قانۇنسىز كۆچمەن تۇتۇلدى.

926268
ئەرزۇرۇمدا 80 قانۇنسىز كۆچمەن تۇتۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرزۇرۇم ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئەتكەسچىلىك ۋە تەشكىللىك جىنايەتلەر باشقارمىسى ئەترەتلىرى شىمالىي ساھىل يولى بويىدىكى نەنەخاتۇن رايونى بىلەن ئەرزۇرۇم – ئاغرى دۆلەتلىك تاش يولى بويىدىكى قارسكاپى شېھىتگاھلىقى ئەتراپىدا  بىر گۇرۇپپا كىشىنىڭ پىيادە ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، ئافغانىستانلىق 68، پاكىستانلىق 12 قانۇنسىز كۆچمەننى قولغا چۈشۈردى.

ئاپتوبۇسلار بىلەن شەھەر مەركىزىدىكى گۈرجۈكاپى ۋە گۆلباشى ساقچىخانىلىرىغا ئېلىپ بېرىلغان كۆچمەنلەرگە چاي ۋە يېمەك - ئىچمەك ئىكرام قىلىندى.

تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلىرىگە ئېلىپ بېرىلىش ئۈچۈن ئىراندىن قانۇنسىز يوللار بىلەن تۈركىيەگە كىرگۈزۈلگەن قانۇنسىز كۆچمەنلەر رەسمىيەتلىرىنىڭ تاماملىنىشىدىن كېيىن چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىش ئۈچۈن ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇۋېتىش مەركىزىگە ئەۋەتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر