ئەردوغان جەنۇبىي ئافرىقا پىرېزىدېنتى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى پىرېزىدېنتى ماتېمالا كىيرىل راماپوسا بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

919629
ئەردوغان جەنۇبىي ئافرىقا پىرېزىدېنتى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەنبەرلىرىدىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تېلېفون سۆھبىتىدە ئەردوغان بىلەن راماپوسا ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارزۇلىرىنى بىلدۈرگەن.

ئەردوغان ئافرىقىلىق مەنسەپدىشىنى پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە سايلانغانلىقى ۋە مىنىستىرلار كابېنتىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىققانلىقى ئۈچۈن تەبرىكلىگەن.

جەنۇبىي ئافرىقىدا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ۋە يۈز تۇرانە كۆرۈشۈش ئىمكانىيتى يارىتىلىشىدىن مەمنۇن بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر