ئافرىندا بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچى سانى 2083 كە يەتتى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچى سانى 2083 كە يەتتى.

918975
ئافرىندا بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچى سانى 2083 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات بېرىپ، زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە بۈگۈن پ ك ك – ي پ گ ۋە دائېش  ئەزاسى تېررورچىلارغا ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن زەربە بېرىلگەنلىكىنى، ھەربىي ھەرىكەتلەردە مەزكۇر تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ئەزا 24 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى باشلىغان 20 - يانۋاردىن بۇيان بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچى سانىنىڭ 2083 غا يەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بايانىدا كۆرسىتىلىشىچە، چېگرا بويى ۋە رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، مۇقىملىقنى ساقلاش، سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان ئافرىن رايونىدىكى پ ك ك / پ ي د ۋە دائېش تېررورچىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، دوست ۋە قېرىنداش رايون خەلقىنى بېسىم ۋە زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇش مەقسىتىدە 20 – يانۋاردا باشلانغان ھەرىكەت ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا ئىكەن.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر