ئەردوغان 26 – فېۋرالدا ئافرىقا زىيارىتىنى باشلايدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييپ ئەردوغان ئالجىرىيە، ماۋرىتانىيە، سېنېگال ۋە مالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافرىقا زىيارىتىنى باشلايدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئاخبارات مەركىزىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەردوغاننىڭ ئافرىقا زىيارىتىنىڭ 26 – فېۋرالدىن 2 – مارتقىچە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئەردوغاننىڭ مەنسەپداشلىرى بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلىرىدا، ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە ھەمكارلىقلارنىڭ ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىنىشى شۇنداقلا رايون خاراكتېرلىق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلىشى مۆلچەلەنمەكتە.
ئەردوغان تۈركىيەنىڭ كۈچلۈك تارىخىي رىشتىسى ۋە ئىقتىسادىي شېرىكلىكى بولغان ئافرىقا دۆلىتى ئالجىرىيەدە جۇمھۇر رەئىسلىك سالاھىيىتى بىلەن ئىككىنچى قېتىم زىيارەتتە بولغان بولىدۇ.
ئالجىرىيەدىن كېيىن 28 – فېۋرال كۈنى ئافرىقىدىكى ماۋرىتانىيەدە ئۇچرىشىشلاردا بولىدۇ. ئارقىدىن ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىمىز ئىنتايىن ياخشى كېتىپ بارغان سېنېگالغا يېتىپ بارىدۇ.
ئافرىقا زىيارىتىنىڭ ئاخىرىقى بېكىتى بولسا، ئۇزۇن تارىخقا ئىگە مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرىمىز بولغان مالى بولىدۇ.
باياناتتا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ماۋرىتانىيە ۋە مالى زىيارىتىنىڭ تۈركىيەدىن بۇ دۆلەتلەرگە جۇمھۇر رەئىس سەۋىيەسىدە ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى زىيارەت بولۇش نۇقتىسىدىنمۇ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
زىيارەتلەر دائىرىسىدە ئالجىرىيە ۋە سېنېگالدا يەنە، سودا – سانائەت مۇنبىرى يىغىنىمۇ چاقىرىلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.