تۈركىيە بىلەن ئىيوردانىيە ھەربىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

ئىيوردانىيە ئارمىيەسى، تۈركىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال - پولكوۋنىك خۇلۇسى ئاقارنىڭ ئىيوردانىيە زىيارىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

915184
تۈركىيە بىلەن ئىيوردانىيە ھەربىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىيوردانىيە ئارمىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامماندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان تۈركىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال - پولكوۋنىك خۇلۇسى ئاقارنىڭ ئىيوردانىيەلىك مەنسەپدېشى مەھمۇد فەرىھات بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرى باش ئىشتاب باشلىقلىرىنىڭ مەزكۇر ئۇچرىشىشىدا، رايوننىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتى ۋە خەلقئارادىكى ئۆزگىرىشلەر بىلەن بىرگە، ئىككى دۆلەت قوراللىق كۈچلىرى ئارىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىق ۋە ئۆزئارا ماسلىشىشى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىندى.

باياناتتا، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

پايتەخت ئامماننىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان سالت شەھىرىدىكى تۈرك شېھىتزارلىقىنىمۇ زىيارەت قىلغان ئاقار، ئۇ يەردىكى خاتىرە تېشىغا گۈلچەمبىرەك قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر