«بەششار ئەسەد بىلەن پ ي د نىڭ كېلىشكەنلىكىگە ئالاقىدار دەۋالار ئىغۋاگەرلىكنى نىشان قىلىدۇ»

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د نىڭ كېلىشكەنلىكىگە ئالاقىدار دەۋالارنىڭ ئىغاۋەرلىكنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

914190
«بەششار ئەسەد بىلەن پ ي د نىڭ كېلىشكەنلىكىگە ئالاقىدار دەۋالار ئىغۋاگەرلىكنى نىشان قىلىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قالىن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا 20 – يانۋار كۈنى قوزغىغان «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى ۋە  بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د / ي پ گ نىڭ ئافرىن رايونى مەسىلىسىدە كېلىشىم تۈزگەنلىكىگە ئالاقىدار دەۋالار ھەققىدە توختالغاندا، بۇنداق دەۋالارنىڭ ئىغۋاگەرلىكنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئافرىن مەسىلىسىدە سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن پ ي د / ي پ گ نىڭ كېلىشكەنلىكىگە ئالاقىدار دەۋالارنىڭ ئىغۋاگەرلىكنى نىشان قىلىدىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق، بىراق بۇ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ نىڭ مەخپىي سۆھبەت ئېلىپ بارمىغانلىقىنىمۇ بىلدۈرمەيدۇ. كىم نېمىلەرنى قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، <زەيتۇن شېخى> ھەربىي ھەرىكىتى پىلان بويىچە قەتئىي داۋاملىشىدۇ ھەمدە ئۇلۇغۋار نىشانىغا يېتىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر