بىنالى يىلدىرىم گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم پ ك ك نىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىكەنلىكىنى تەكرارلاپ: «پ ي د/ پ ك ك مۇ تېررورلۇق ىتەشكىلاتىدۇر، ئەسلىدە ي پ گ، پ ي د/ پ ك ك نىڭ بىر شۆبىسىدۇر» دېدى.

911746
بىنالى يىلدىرىم گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم خىزمەت زىيارىتى ئۈچۈن يېتىپ بارغان گېرمانىيەدە باش مىنىستىر ئانگېلا مېركېل بىلەن كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئىككى رەھبەر ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئانگېلا مېركېلنى 2017-يىلى 2-فېۋرالدا ئەنقەرەدە كۈتۈۋېلىش شەرىپىگە ئېرىشكەنلىكىنى، تەخمىنەن بىر يىل بولغاندا قايتا كۆرۈشكەنلىكىدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مېركېل بىلەن چەكلىك ۋاقىتتا، تۈركىيە-گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرىگە قاراپ چىقىشقا مۇۋەپپەق بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ گېرمانىيەدە ياشايدىغان 3 مىليوندىن ئارتۇق تۈرك قېرىندىشىنىڭ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە مۇھىم كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغانلىقىنى؛ ئۇلارنىڭ مەۋجۇدلۇقىنىڭ تۈركىيە-گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇھىم كاپالىتى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ رايوندىكى تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىدە، پەقەت ئۆز پۇقرالىرىنىڭ جان ۋە مال بىخەتەرلىكىنى قوغداشقىلا ئەھمىيەت بەرمەيۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«تۈركىيە ئوخشاش ۋاقىتتا، ناتونىڭ چېگرالىرىنىمۇ قوغداۋاتىدۇ، ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، سۈرىيە بىلەن ئىراقتا يۈز بېرىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇش، كۆچ، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە باشقا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى پەيدا قىلىۋاتقان سەلبىي ۋەزىيەت تۈپەيلىدىن ئوتتۇرىغا چىققان چوڭ كۆچ دولقۇنىنى توسۇۋاتقان مۇھىم دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. 3 يېرىم مىليون مۇساپىر بىزدە پاناھلىنىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەر تۈرلۈك ئېھتىياجلىرىنى قامداۋاتىمىز. بۇنداق قىلغانلىقىمىز، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ گېرمانىيەگە تارقىلىشىنىڭ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ياۋروپادا يامىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىمىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەقتە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىكتە رەسمىي خىزمەت قىلىۋاتىمىز. ھۆرمەتلىك باش مىنىستىر ئانگېلا مېركېل بۇنىڭغا مۇھىم كۈچ چىقاردى. مۇساپىرلارغا پاناھلىنىۋاتقان جايلاردا، مائارىپ، سەھىيە ۋە جايلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم قىلىش ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن قارار چىقىرىلدى. بۇ خىزمەتلەر بەزى ئاقساشلارنىڭ بولۇشىغا قارىماي داۋام قىلىۋاتىدۇ. يەنە بىر قېتىم ھۆرمەتلىك باش مىنىستىر ئانگېلا مېركېلنىڭ بۇ ھەقتىكى قەتئىي ئىرادىسىدىن، قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەدىسىدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلغانلىقىمنى بىلدۈرمەكچىمەن.»

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم تۈركىيە-گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدا مۇئەييەن سەزگۈر مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ: «پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىدۇر، ي پ گ، پ ي د/ ي پ گ مۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىدۇر. ئەسلىدە ي پ گ، پ ي د/ پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى شۆبىسىدۇر. ئەنگلىيەمۇ مۇشۇنداق دەۋاتىدۇ، ئامېرىكا ئىستىخبارات ئىدارىسىمۇ مۇشۇنداق دەۋاتىدۇ. شۇڭا، ئىسىملىرى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇلارنىڭ مەقسىتى رايوندا خاتىرجەملىكنى بۇزۇش ۋە يېڭى مەسىلە چىقىدىغان جايلارنى پەيدا قىلىش. كۈرىشىمىزنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ۋاقىتتا، دوستلىرىمىزنى يېنىمىزدا كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىمىز» دېدى.

ئۇ دائېشقا قارشى كۈرەشتە نامايان قىلىنغان قەتئىي ئىرادىنىڭ، ي پ گ، پ ي د/ پ ك ك غا قارشى كۈرەشتىمۇ ئوخشاش داۋام قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئۇ تۈركىيە ئارمىيەسى ئافرىندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان «زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى» نىڭمۇ ئوخشاش مەقسەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئۇ يەردىكى بىگۇناھ خەلققە زۇلۇم سالغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن باشلانغان ھەرىكەت. ئۇچرىشىشىمىزدا بۇلارنىمۇ سۆزلىشىش پۇرستىگە ئېرىشتۇق» دېدى.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمنىڭ قانچىلىك قىيىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەنلىكىدىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۆتكەنكى ئايلاردا يۈز بەرگەن مەسىلىلەرنى قەدەممۇ قەدەم ھەل قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

باش مىنىستىر ئانگېلا مېركېل قانۇن دۆلىتى مەسىلىلىرىنىمۇ مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، 15-ئىيۇل ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشىنى ئەيىبلىگەنلىكلىرىنى، جاۋابكارلار ئۈستىدىكى تەكشۈرۈشلەرنىڭ قانۇن دۆلىتى پىرىنسىپلىرى رامكىسىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ۋە تۈركىيەدە سىياسىي جىنايەتلەر سەۋەبىدىن تۇتۇلغان گېرمانىيە پۇقرالىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئانگېلا مېركېل تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ، تۈركىيەگە سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ مائارىپى ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەدە بەرگەن پۇلنىڭ تەرتىپلىك ھالدا يەتكۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ بۇ ھەقتە تۈركىيەگە ۋەدە قىلىنغان 3 مىليارد ياۋرو ۋە كېيىنكى قەدەمدە بېرىلمەكچى بولغان ئىككىنچى 3 مىليارد ياۋرونىڭ بېرىلىشى مەسىلىسى بويىچە ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

باش مىنىستىر ئانگېلا مېركېل سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى ۋە ئورتاق مەنىۋى بايلىقلارنى قوغداش ھەمدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتلىرىنىمۇ ئەسكەرتتى.

ئانگېلا مېركېل تۈركىيەلىك بىر مۇخبىرنىڭ، «تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزالىرىنىڭ گېرمانىيەدىكى جامالەرگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىغا قانداق قارايسىز؟» دېگەن سوئالىغا: «جامە بولسۇن ياكى چېركاۋ، ئىبادەتخانىلار بولسۇن، زوراۋانلىققا رۇخسەت قىلالمايمىز، بىگۇناھ كىشىلەرنى قوغداش ئۈچۈن بارلىق تەدبىرلەرنى داۋاملىق يولغا قويىمىز» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان بارلىق چەت ئەللىكلەرگە بىللە تىنچلىق ئىچىدە ياشاشنى چاقىرىق قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر