ئەردوغان ئاداما بارروۋ بىلەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، مەنپەئەتىنى دەپ قان تۆكۈشتىن يالتايمايدىغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ پەقەت تۈركىيە ئۈچۈنلا ئەمەس، ئۆزى ئورۇنلاشقان بارلىق دۆلەتلەر ئۈچۈن ئېغىر خەۋپ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

910802
ئەردوغان ئاداما بارروۋ بىلەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان گامبىيە پىرېزىدېنتى ئاداما بارروۋ بىلەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئۇ، يىغىندىكى سۆزى جەريانىدا، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىدىكى تەشكىللىنىش ئەھۋالى توغرىسىدا توختىلىپ، «ئافرىقىلىق دوستلىرىمىز تەشكىلاتقا قانچىلىك بۇرۇن چارە كۆرسە، پەرزەنتلىرى ۋە كېلەچەكلىرى ئۈچۈن شۇنچىلىك ياخشى بولىدۇ» دېدى.

ئىككى دۆلەت ئارىسىدا مائارىپ ساھەسى بويىچە ھەمكارلىق ئورنىتىش كېلىشىمى ئىمزالانغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن ئەردوغان، «ئافرىقا شېرىكچىلىك سىياسىتىمىز دائىرىسىدە، قىتئە مىقياسىدىكى ھادىسىلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز. كەلگۈسى يۈز يىل ئافرىقىنىڭ بولىدۇ. دۆلىتىمىز بۇ قاراشنى بويلاپ ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر