جانىقلى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نۇرەتتىن جانىقلى ناتو مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى دائىرىسىدە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جېيمس ماتتىس بىلەن كۆرۈشتى.

910902
جانىقلى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى قارارگاھىدا چاقىرىلغان مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ بىرىنچى كۈنىدىكى ئولتۇرۇشلىرىغا قاتناشقان جانىقلى، بۇ جەرياندا تۈرلۈك ئۇچرىشىشلاردا بولدى. بۇ دائىرىدە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى  جېيمس ماتتىس، فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فلورېنسې پارلى بىلەنمۇ ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشتى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ خىزمەت زىياپىتىگە ئىشتىراك قىلغان جانىقلى، ئاندىن باشقا مىنىستىرلار ۋە رەھبەرلەر بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى، كېيىنچە ناتو  مىنىستىر دەرىجىلىكلەر خىزمەت گۇرۇپپىسى يىغىنىغا قاتناشتى.

ئىگىلىنىشىچە، جانىقلى بۈگۈنمۇ ئىسپانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارىئا دولورېس دې كوسپېدال بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر