ئافغانىستانلىق بىرقانچە قانۇنسىز كۆچمەن قولغا چۈشتى
ۋان ۋىلايىتىنىڭ باشقەلئە ناھىيەسىدە قانۇنسىز يوللار بىلەن تۈركىيە چېگراسىدىن ئۆتكەن ئافغانىستانلىق 7 كۆچمەن قولغا چۈشتى.
909874
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باشقەلئە ناھىيەلىك قوراللىق ساقچى قىسىم ئەترەتلىرى ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، قانۇنسىز يوللار بىلەن تۈركىيە چېگراسىدىن ئۆتكەن ئافغانىستانلىق 7 كۆچمەننى قولغا چۈشۈردى.
كۆچمەنلەر باشقەلئە دۆلەتلىك دوختۇرخانىسىدا سالامەتلىك ئەھۋالى تەكشۈرۈشۈلگەندىن كېيىن رەسمىيەتلىرىنىڭ تاماملىنىشى ئۈچۈن ۋان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى چەت ئەللىكلەرنى باشقۇرۇش شۆبىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىلدى.