تۈركىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى: شېھىت ۋە غازىلارنىڭ بىر تامچە قېنىمۇ يەردە قويۇلمايدۇ

تۈركىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال - پولكوۋنىك خۇلۇسى ئاقار، شېھىتلەر ۋە غازىلارنىڭ بىر تامچە قېنىنىڭمۇ يەردە قويۇلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

908609
تۈركىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى: شېھىت ۋە غازىلارنىڭ بىر تامچە قېنىمۇ يەردە قويۇلمايدۇ
orgeneral akar hatay1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، گېنېرال - پولكوۋنىك خۇلۇسى ئاقار ۋە ھەمراھلىقىدىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى گېنېرال - پولكوۋنىك ياشار گۈلەر ۋە ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانى گېنېرال - پولكوۋنىك ھاسان كۈچۈكئاقيۈز قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە خاتايغا بېرىپ،  سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىگە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

بۇ دائىرىدە گېنېرال - پولكوۋنىك ئاقار، ئىككىنچى دىۋىزىيە قوماندانى لېيتىنانت گېنېرال مەتىن تەمەل ۋە رايوندىكى قىسىملارنىڭ قوماندانلىرىدىن ھەرىكەت توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلەپ، بەزى كۆرسەتمىلەرنى بەردى.

گېنېرال - پولكوۋنىك خۇلۇسى ئاقار خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا سۆز قىلىپ، ھەربىي ھەرىكەتنىڭ تۈپ مۇددىئاسىنىڭ چېگرا رايونى ۋە ئافرىندا تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە ئامانلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، رايون خەلقىنى تېررورچىلارنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلدۇرۇش شۇنداقلا تۈركىيەدىكى تۇرۇۋاتقان سۈرىيەلىكلەرنىڭ خاتىرجەم ھالدا يۇرت – ماكانلىرىغا قايتىشلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتتى.

«ھەرىكەت جەريانىدا داۋاملىق ئۇچراپ تۇرغىنىدەك، تېررورچىلارنىڭ ئاڭلىق ھالدا پۇقراچە كىيىنىۋېلىشى ۋە پۇقرالارنىڭ ھاياتىغا خەۋپكە ئىتتىرىپ، خائىنلارچە ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق ئاھالىلەر رايونلىرىدىكى كۆپلىگەن ئۆيلەرنى پۇختا ئىستىھكام ۋە پاناھلىنىش ئورنى قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، بىگۇناھ كىشىلەرگە، پۇقرالارغا ۋە مۇھىتقا زىيان يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، ھەر جەھەتتىن دىققەت قىلىنىۋاتقانلىقى ۋە كۈچ چىقىرىلىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن گېنېرال - پولكوۋنىك ئاقار، «بىگۇناھ (كىشىلەر) ۋە پۇقرالار بىزگە نىسبەتەن چېقىلىشقا بولمايدىغان كىشىلەردۇر» دېدى.

ھەرىكەتنىڭ ب د ت ئەھدىنامىسىنىڭ 51 – ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن يوللۇق قوغدىنىش ھوقۇقى ۋە ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشكە ئالاقىدار ھۆججەتلىرى كۆرسەتكەن دائىرىدە خەلقئارا قانۇندا بەلگىلەنگەن ھەق – ھوقۇقنى چۆرىدىگەن ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ئاقار، سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىنىۋاتقانلىقىنى، ھەرىكەتنىڭ پ ك ك/ ك ج ك / پ ي د – ي پ گ ۋە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەشنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

گېنېرال - پولكوۋنىك ئاقار، ھەرىكەت جەريانىدا شېھىت بولۇپ كەتكەن بارلىق خادىملارغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلىگەن، ئۇلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، خەلقكە ۋە تۈركىيە ئارمىيەسىگە تەزىيە بىلدۈرگەن ۋە غازىلارغا تېز شىپالىقلارنى تىلىگەن ھالدا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «شېھىتلىرىمىز ۋە غازىلىرىمىزنىڭ بىر تامچە قېنىمۇ يەردە قويۇلمايدۇ. بۇ دائىرىدە رايوندىكى تېررورچىلارنىڭ يىلتىزى قۇرۇتۇپ تاشلانغۇچە بۇ كۈرەش قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرۇلىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئاقار، زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىگە ئىشتىراك قىلىپ قەھرىمانلىق ۋە پىداكارلىقلارنى نامايان قىلغان بارلىق خادىملارنى تەبرىكلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر