ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جانىقلى بىلەن كۆرۈشىدۇ

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جېيمس ماتتىس ئالدىمىزدىكى ھەپتە بېلگىيەدە چاقىرىلىدىغان ناتو باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نۇرەتتىن جانىقلى بىلەن كۆرۈشىدۇ.

907078
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جانىقلى بىلەن كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماتتىس ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىشىخانىسىدا مۇخبىرلارنىڭ «تۈركىيەنىڭ مەنبىچ رايونىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د / پ ك ك نىڭ مەۋجۇدىيىتى مەسىلىسىدە ئەندىشىسى بار» لىقىغا ئالاقىدار سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، مۇنداق دېدى: «مەنبىچ مەسىلىسىدە تۈركىيەنىڭ بېسىمى جەھەتتىن ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوق. ئەنقەرەدىن ئاڭلىغانلىرىمىزغا قارىغاندا، تۈركىيەنىڭ بۇ ھەقتە ناھايىتى كۆپ ئەندىشىلىرى بار ئىكەن، ئەمما بىزنىڭ ھازىرقى نىشانىمىز دائېشقا بېسىم ئىشلىتىش ۋە دائېشقا قارشى  كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇشتۇر. شۇ ۋەجىدىن، دەىققەتلەرنىڭ چېچىلىپ كېتىشىدىن ئەندىشىلىكمىز.»

تۈركىيەنىڭ قانۇنلۇق ئەندىشىلىرىنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلغان ماتتىس، ئەڭ يۇقىرى سىياسىي سەۋىيەدىن ھەربىي سەۋىيەگە قەدەر ئەنقەرە بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە بىزنىڭ ناتو دىكى ئىتتىپاقدىشىمىزدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چېگرا لىنىيەلىرى ئىچىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك بىلەن ئاكتىپ توقۇنۇش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان بىردىنبىر ناتو دۆلىتىدۇر. بۇ ھەقتە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىۋاتىمىز. تۈركىيەنىڭ پەقەت پ ك ك مەسىلىسىدىلا ئەمەس، سۈرىيە چېگراسىنىڭ بەششار ئەسەد سەۋەبلىك بىر ئۇرۇش ساھەسىگە ئايلىنىپ قېلىشى مەسىلىسىدىمۇ قانۇنلۇق ئەندىشىلىرى بار.  ئەڭ يۇقىرى سىياسىي سەۋىيەدىن ھەربىي سەۋىيەگە قەدەر ئەنقەرە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىۋاتىمىز، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىمىز. ئالدىمىزدىكى ھەپتىنىڭ ئوتتۇرىلىرى تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نۇرەتتىن جانىقلى بىلەن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا بىر يەرگە جەم بولىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر