ئەرزىنجاندا قانۇنسىز كۆچمەنلەر قولغا چۈشتى

ئەرزىنجداندا قانۇنسىز يوللار بىلەن كىرگەن 47 كۆچمەن قولغا چۈشتى.

903948
ئەرزىنجاندا قانۇنسىز كۆچمەنلەر قولغا چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قوراللىق ساقچى قىسىم ئەترەتلىرى ئەرزىنجاننىڭ قاراقايا يېزىسى ئەتراپىدا كۆپ ساندا كۆچمەنلەرنىڭ بارلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، كۆپىنچىسى ئافغانىستانلىق ئىككىسى ئايال بولۇپ، جەمئىي 47 كىشىنى قولغا چۈشۈردى ھەمدە بۇ كىشىلەرنىڭ تۈركىيەگە قانۇنسىز يوللار بىلەن كىرگەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتى. ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرتكەندىن كېيىن چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىشى رەسمىيەتلىرى ئۈچۈن ئۈزۈملۈ ناھىيەسىگە ئەۋەتتى.

بۇ ئارىلىقتا، باش ئىشتاب باشقارمىسى قانۇنسىز يوللار بىلەن تۈركىيە چېگراسىدىن ئۆتۈشكە ئۇرۇنغان 1315 كىشىنىڭ قولغا چۈشكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن 1236 كىشىنىڭ سۈرىيەدىن، 20 كىشىنىڭ گىرېتسىيەدىن تۈركىيەگە كىرىشكە ئۇرۇنغانلىقىنى، تۈركىيەدىن گىرېتسىيەگە كېتىشكە ئۇرۇنغان 41 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى جاكارلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر