پاپا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى قىزغىن قارشى ئالدى

پاپا فرەنسىس دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن ۋاتىكانغا يېتىپ بارغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى قىزغىن قارشى ئالدى.

903833
پاپا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى قىزغىن قارشى ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئۈچۈن ئاپوستول سارىيىنىڭ ئالدىدا رەسمىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان سان داماسو دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا ۋاتىكان ۋالىيسى ئارخىئېپىسكوپ جورج گاۋسۋېين تەرىپىدىن قارشى ئېلىندى.

قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پاپا فرەنسىس بىلەن كۆرۈشىدىغان جايغا ئۆتتى.

پاپا ئاپوستول سارىيىدا مېھمانلىرىنى كۈتۈۋالىدىغان كۇتۇبخانا زالىدىكى ئۇچرىشىش ھارپىسىدا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى ئىشىك ئالدىدا قارشى ئالدى ھەمدە «قىزغىن قارشى ئالغانلىقىڭىز ئۈچۈن كۆپتىن- كۆپ رەھمەت» دېگەن ئەردوغانغا، پاپامۇ زىيارىتى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى.

كېيىنچە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پاپا فرەنسىس ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئالدىدا قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن ھالدا ئايرىم كۆرۈشىدىغان كۇتۇبخانا زالىغا ئۆتتى.

مۇخبىرلارنىڭ سۈرەتكە ۋە ۋىدېئوغا ئېلىشىدىن كېيىن، ئىككى رەھبەرنىڭ سۆھبىتى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالەتتە داۋاملاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر