دىيارباقىردا نۇرغۇن تېررورسىت بىر تەرەپ قىلىندى
دىيارباقىرنىڭ لىجە ناھىيەسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتتە 4 تېررورسىت بىر تەرەپ قىلىندى.
901901
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قوراللىق ساقچى قىسىم ئەترەتلىرى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ۋە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئاتالمىش رايونلۇق مەسئۇلىنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.
مەزكۇر تېررورسىتنىڭ «دەرنەك مەھەللىسى» نىڭ چالىقبۈكۈ رايونىدا ئىكەنلىكى ئېنىقلاپ چىقىلغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا، ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەنە 3 تېررورسىت ئاپتوموبىل بىلەن قېچىشقا باشلىدى.
قوراللىق ساقچى قىسىملارمۇ داۋاملىق ئىز قوغلاپ، «زەپەر» رايونىدا ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇپ، توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى، بىراق ئۇلار ئوق چىقارغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 4 تېررورسىتنىڭ ھەممىسى بىر تەرەپ قىلىندى.