تۈركىيە ئارمىيەسى بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچى سانىنى ئاشكارىلىدى
تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچى سانى 811 گە يەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى، زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ ئارقىدا قالغان 13 كۈنى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى؛ بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، بۈگۈن بىر تەرەپ قىلىنغان 21 تېررورچىنى قوشقاندا، پ ك ك – ك ج ك – پ ي د- ي پ گ ۋە دائېش ئەزاسى ئومۇمىي بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچى سانى 811 گە يەتكەن.
باياناتتا يەنە، بۈگۈن مەزكۇر تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا تەۋە 14 ئورۇننىڭ ھاۋادىن زەربە بېرىشى ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ يوقىتىپ تاشلانغانلىقى قەيت قىلىندى.
تۈركىيە ئارمىيەسى، سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان ئافرىن رايونىدىكى زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنى پ ك ك – ك ج ك – پ ي د- ي پ گ ۋە دائېش تېررورچىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش شۇنداقلا دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت خەلقىنى بۇلارنىڭ بېسىم ۋە زۇلۇملىرىدىن قۇتۇلدۇرۇش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنىمۇ ئەسلىتىپ ئۆتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە-گىرېتسىيە سۆھبەت يىغىنى ئىستانبۇلدا چاقىرىلدى
تۈركىيە-گىرېتسىيە «بەرپاچى كۈنتەرتىپ دىيالوگى»نىڭ 6-قېتىملىق يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.