تۈركىيە رۇسىيەدىكى تېررورچىنى قايتۇرۇپ بېرىشى تەلەپ قىلدى

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ خەلقئارالىق قىزىل باشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچىنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

901555
تۈركىيە رۇسىيەدىكى تېررورچىنى قايتۇرۇپ بېرىشى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ 30 – يانۋاردا رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەتلىك دىيالوگ قورۇلتىيىغا قاتناشقان بىر تېررورچىنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەنقەرەدە مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، رۇسىيەنىڭ تۈركىيەگە سۇنغان يېغىنغا قاتناشقۇچىلار تىزىملىكىدە ئىسمىمۇ يېزىلمىغان مەزكۇر تېررورچىنىڭ قورۇلتايغا قاتناشقانلىقىغا قارىتا تۈركىيەنىڭ نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ: «بۇ كىشى خەلقئارالىق قىزىل باشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان بىر تېررورچى. رۇسىيەنىڭ بىزگە سۇنغان يىغىن قاتناشقۇچىلىرى تىزىملىكىدە ئۇنىڭ ئىسمى يوق ئىدى. يالغان رەسمىيەتلەر بىلەن رۇسىيەگە كىرىپ، ئوخشاش بولمىغان جايلاردا رەسىم تارتقۇزۇپ ئويۇن ئويناپ يۈرمەكتە» دېدى.

رۇسىيەدىن بۇ تېررورچىنى قولغا ئېلىشنى ۋە تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ «بۇ جەھەتتە رۇسىيە كېرەكلىك خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، بىزگە جاۋاپ قايتۇرماقچى. بىۋاستە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلمەكتە» دېدى. 

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بۇ ھەقتە يەنە رۇسىيەدىن ئىزاھات تەلەپ قىلغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتتى.   

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر