پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۈركىيەگە كېلىدۇ

پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىئاد مالىكى 2 – فېۋرالدىن 3 – فېۋرالغىچە تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.

901293
پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۈركىيەگە كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىئاد مالىكى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، «پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىئاد مالىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمىزنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 2018 – يىلى  2 – فېۋرالدىن 3 – فېۋرالغىچە دۆلىتىمىزدە خىزمەت زىيارىتىدە بولىدۇ» دېيىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر