تۈركىيە ئارمىيەسى ئافرىن رايونىنىڭ غەربىدە يەنە 3 يېزىنى قولغا كىرگۈزدى
تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي سۈرىيەدە داۋاملىشىۋاتقان «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى داۋامىدا ئافرىن رايونىنىڭ غەربىدە يەنە ئۈچ يېزىنىڭ قولغا كىرگۈزۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېررورسىتلار بىلەن توقۇنۇشۇش نەتىجىسىدە قولغا كىرگۈزۈلگەن سۇلايمان خەلىل ۋە ساتى ساغىدىن كېيىن، ئالقانا يېزىسىمۇ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د / پ ك ك دىن تازىلانغان. شۇنىڭ بىلەن، راجى رايونىنىڭ ئەتراپىدا قولغا كىرگۈزۈلگەن يېزىلار بىلەن ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئېگىزلىكلەردىن كېيىن تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ رايوندىكى تەسىر كۈچى پۈتۈنلەي يوقالغان. ھەربىي ھەرىكەت 11 – كۈنىگە قەدەم قويغاندا ئافرىندىكى بەش رايوندا 18 ى يېزا، 1 ى ئولتۇراق مەھەللىسى، 5 ى ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئېگىزلىك بولۇپ، جەمئىي 24 نۇقتا تېررورچىلاردىن تازىلانغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە-گىرېتسىيە سۆھبەت يىغىنى ئىستانبۇلدا چاقىرىلدى
تۈركىيە-گىرېتسىيە «بەرپاچى كۈنتەرتىپ دىيالوگى»نىڭ 6-قېتىملىق يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.