ماردىندىكى بىر چېگرا ساقچى پونكىتى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

پ ك ك – پ ي د تېررورچىلىرى ماردىندىكى بىر ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلدى.

899241
ماردىندىكى بىر چېگرا ساقچى پونكىتى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پ ك ك – پ ي د تېررورچىلىرى ماردىننىڭ كىزىلتەپە ناھىيەسىدىكى چېگرا ساقچى پونكىتىغا سۈرىيە تەرەپتىن ھۇجۇم قىلدى.  

چېگرا ساقچىلىرى دەرھال قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى، ھۇجۇم يۈز بەرگەن رايون تانكىلار بىلەن قورشاۋغا ئېلىندى.

ھۇجۇمنى سادىر قىلغان 2 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر