بىر ھەپتىلىك زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىگە دائىر سانلىق مەلۇماتلار ئېلان قىلىندى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، 22 – يانۋاردىن 29 – يانۋارغىچە بولغان بىر ھەپتە ئىچىدە تۈركىيە مىقياسىدا 28 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيان جەمئىي 819 قېتىم بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا چېتىشلىق 450، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىغا چېتىشلىق 623، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا چېتىشلىق 59 ۋە ئاشقۇن سولچى تەشكىلات بىلەن چېتىشلىق 34 كىشىنى نازارەت ئاستىغا ئالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
باياناتتا، زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى جەريانىدا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ 14 پاناھلىنىش ئورنى ۋە ئۆڭكۈرىنىڭ ۋەيران قىلىپ تاشلانغانلىقى، كۆپ مىقداردا قورال ۋە ئوق – دورىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋ تۈركىيەگە يېتىپ كەلدى
ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋ تۈنۈگۈن كەچتە پايتەخت ئەنقەرەگە يېتىپ كەلدى.