پ ي د/پ ك ك تېررورچىلىرى خاتايغا راكېتامىيۇت ئاتتى

خاتاينىڭ رەيھانلى ناھىيەسىدە بىر بىناغا تەگكەن راكېتامىيۇت بىر كىچىك بالىنى يارىدار قىلدى.

898402
پ ي د/پ ك ك تېررورچىلىرى خاتايغا راكېتامىيۇت ئاتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د/پ ك ك تەرىپىدىن ئېتىلغان راكېتامىيۇت خاتاينىڭ رەيھانلى ناھىيەسىگە چۈشتى.

ۋەقەدە 1 كىچىك بالا يېنىك يارىدار بولدى.

تۈركيىە ئارمىيەسى «زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى»نى داۋاملاشتۇراۋاتقان ئافرىن رايونىدىن ئېتىلغان راكېتامىيۇت، جۇمھۇرىيەت مەھەلىسىدىكى 3 قەۋەتلىك بىر ئائىلە قورۇسىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىگە تەگدى.

ئۆيدە ھېچ كىشىنىڭ يوقلۇقى، ئەمما پارتلاشتا بىر كىچىك بالىنىڭ يېنىك يارىدار بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يارىدار بولغان كىچىك بالا دەرھال دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىندى.

رايونغا نۇرغۇن ساندا ساقچى، ژاندارما ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى ئەۋەتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر