تېررورچىلار تەرىپىدىن سۈرىيەدىن ئېتىلغان  راكېتامىيوت ئوقى خاتايغا چۈشتى

ئافرىندىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / پ ي د تېررورسىتلىرى تەرىپىدىن ئېتىلغان راكېتامىيوت ئوقى خاتاينىڭ رەيھانلى ناھىيەسىگە چۈشتى.

897475
تېررورچىلار تەرىپىدىن سۈرىيەدىن ئېتىلغان  راكېتامىيوت ئوقى خاتايغا چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تۈنۈگۈن سائەت 21 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە سۈرىيەدىكى تېررورچىلار ئاتقان راكېتامىيوت ئوقى دەگىرمەنباشى مەھەللىسىدىكى بوش يەرگە چۈشكەن، بەختكە يارىشا ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن، ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا كۆپ ساندا قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرى ئەۋەتىلگەن.

ساقچىلار تېررورلۇق ھۇجۇمى توغرۇلۇق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان بولۇپ، چېگرا رايونىدا تۇرۇشلۇق توپچىلار قىسمى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ نىشانلىرىغا راكېتامىيوتلار ئارقىلىق تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر