تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتىكى پ ك ك تېررورچىلىرىغا ھاۋادىن زەربە بەردى

تۈركىيە ئارمىيەسى، تۈنۈگۈن ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان زاپ رايونىدا چېگرا بويىدىكى ساقچى پونكىتلىرى ۋە ھەربىي بازىلارغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلانغان تېررورچىلارغا ھاۋادىن زەربە بەردى.

894864
تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتىكى پ ك ك تېررورچىلىرىغا ھاۋادىن زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات بېرىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە تېررورچىلارنىڭ پاناھلىنىش ئورۇنلىرى ۋە ئىستىھكاملىرىنىڭ يوقىتىپ تاشلانغانلىقىنى، ۋەزىپىلىرىنى ئۇتۇقلۇق ئورۇندىغان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ بىخەتەر ھالدا بازىلىرىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر