تۈركىيە تېررورچىلارنىڭ خاتايغا ھۇجۇم قىلغان مەركەزلىرىنى بومباردىمان قىلدى

پ ي د / پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ رەيھانلى ناھىيەسىگە قىلغان 11 ئايرىم راكېتامىيوت ھۇجۇمىدا كىشى سۈرىيەلىك پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، 16 سى سۈرىيەلىك بولۇپ جەمئىي 46 پۇقرا يارىلانغانىدى.

894059
تۈركىيە تېررورچىلارنىڭ خاتايغا ھۇجۇم قىلغان مەركەزلىرىنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى، پ ي د / پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ خاتاينىڭ رەيھانلى ناھىيەسىدە بىر كىشىنىڭ ۋاپاتى، 46 كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان راكېتامىيوت ھۇجۇملىرىنىڭ ئىككى مەنبەسىنى ھاۋادىن زەربە بېرىپ بىتچىت قىلدى.

پ ي د / پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ رەيھانلى ناھىيەسىگە قىلغان 11 ئايرىم راكېتامىيوت ھۇجۇمىدا كىشى سۈرىيەلىك پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، 16 سى سۈرىيەلىك بولۇپ جەمئىي 46 پۇقرا يارىلانغانىدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇملىرىدىن كېيىن تۈركىيە ئارمىيەسى ھەرىكەتكە ئۆتتى؛ راكېتامىيوتلار ئېتىلغان ئىككى جاي، نىشان بېكىتىش ئاپپاراتلىرى بىلەن ئېنىقلانغاندىن كېيىن، تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە قاراشلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ھاۋادىن زەربە بېرىپ ئۇ يەرلەرنى يوقىتىپ تاشلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر